باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى

يوللانغان ۋاقىت:2019-04-12 13:00:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرمىنىڭ «قېرىنداشلار»چە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ھازىر، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتى ئومۇمەن ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىلگىرىكىدەكلا بىرما تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، ئورتاق ھالدا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرمىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى ئارمىيە ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئىچكى تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدۇ، شىمالىي بىرما ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىرما تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، چېگرا باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىن ئاڭلەي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرما-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار، ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرما دۆلىتى ۋە ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىنىڭ ئىچكى تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىرما تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالقىشلايدۇ، قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ بىرما-جۇڭگو چېگرا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسىنىڭ سەنموۋجاڭى لى زوچېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.