باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەن ۋە ۋەتىنىم» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-20 20:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەن ۋە ۋەتىنىم» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹مەن ۋە ۋەتىنىم› ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر، يېزىلاردا شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇراسىم تۇيغۇسى، قاتنىشىش تۇيغۇسى، زامانىۋىلىق تۇيغۇسىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق تەشۋىق قىلىپ، نامايان قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي خاراكتېرلىك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، يۈز بەرگەن چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ ۋە نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۆگىنىش، ھېس قىلىش پائالىيىتى. ئۆگىنىش، ھېس قىلىش لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ئېلان قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، قولايلىق جايدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈش، ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، باش تېمىلىق تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى. پۇقرالار تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىش ۋە ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كەسپىنى قەدىرلەش، ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش، كۈرەش قىلىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. يۈرۈشلۈك مۇنبەرلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئالاقىدار ساھەلەردە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چۆرىدەپ باش تېمىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، جۇمھۇرىيەت ھېكايىلىرى توپلىمى پائالىيىتى. پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش، باش تېمىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ۋە «دەۋر يېڭى كىشىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى − مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيەلەپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش پائالىيىتى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش-سۈپۈرۈش، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش، تەزىيەنامە ئوقۇش، تەۋەررۈك بۇيۇملارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ قەسەم بېرىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، پىيونېرلارنى پارتىيەگە كىرىش، ئىتتىپاققا كىرىش، پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتىلاشقا تەشكىللەش كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرنى يازلىق تەتىلدە قىزىل باش تېمىلىق يازلىق لاگېر، ھېس قىلىش لاگېرى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھېسسىياتنى ھېس قىلىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاپ تەقدىرلەش، كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇرلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا، ھال سوراشقا تەشكىللەش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ئورتاق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئورتاق دۆلەت شېئىرى ئېيتىش پائالىيىتى. ھازىردىن باشلاپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دە، ھەر دەرىجىلىك رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئاساسىي چاستوتىسى، ئاساسىي قانىلىدا دۆلەت شېئىرىنى دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتىشى، كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، چوڭ تىپتىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر، يېزا، مەھەللە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قاتارلىقلار دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت بايرىقى ئېسىشى كېرەك. ئاھالىلەرنى ئائىلىسىدە دۆلەت بايرىقى ئېسىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت شېئىرىنىڭ تارىخى ۋە مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىش تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. يەتتىنچىدىن، باش تېمىلىق ئەسەرلەرنى توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى. «مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم»نى چۆرىدەپ، باش تېمىسى روشەن، ژانىرى كۆپ خىل بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يىغىپ باھالاپ، كۆرگەزمە قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممەت ئىدىيەسىنى تارقىتىش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، «ئوقۇش باشلاش بىرىنچى دەرسى» تەربىيە پائالىيىتى. دىققەتنى «مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن كۆپ تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى توپلاش، كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، بايرام باش تېمىلىق پائالىيىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ۋەتەننى سۆيۈش باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، قولايلىق جايدا كىچىك تىپتىكى كۆپ خىل بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر بايرام مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. ئونىنچىدىن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتى. «شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەدھىيەلەش، ئارمىيە-خەلق بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش»نى باش تېما قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇش، ماھارەت مۇسابىقىسى، ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، ھەربىي گازارمىلارنى ئېچىۋېتىش، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئون بىرىنچىدىن، توردىكى باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى. «مەن ۋە ۋەتىنىم» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھاكىمە تېمىسى تەسىس قىلىپ، تور ئەھلى ياقتۇرىدىغان تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ ئېچىپ، توردا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش پائالىيىتى، توردا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئەھلىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئون ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى. مەيدان ئۇسسۇلى ئويۇنى قويۇش، خور بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەھەللىلەردە قوشنىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ھەمراھ بولۇش، قوشنىلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىلىشى، قوشنىلار قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بايرىمىلىق باغ سەيلىسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خۇشال-خۇرام، ئىناق بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئون ئۈچىنچىدىن، كۆڭۈل قويۇپ جەمئىيەت ئاممىۋى مۇھىتى يارىتىش. ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات سۇپىسىدا تارقىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كوچا بازىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، لوزۇنكا، شوئار، تەشۋىقات ئاسما رەسىملىرىنى چاپلاپ، ئېسىپ، كۆرگەزمە قىلىپ، كوچا ئاكتىپ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇشتا، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق سۆزلەپ، تەجرىبىلەرنى ئەتراپلىق سۆزلەپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق سۆزلەپ، كەلگۈسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا روھنى ئۇرغۇتۇش، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا قىزغىنلىق قوزغاش، ئامما ئارىسىدا قىزغىنلىق قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ تۆھپە قوشۇشقا، يېڭى دەۋر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك. دۆلەت بايرىمى مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىنى ۋەتەننى سۆيۈش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي، تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، خۇشاللىق كەيپىياتىنى ھەربىر ئىجتىمائىي توپقا سىڭدۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پائالىيەتنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ سودا ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق چەكلەش، خاتىرە بۇيۇملارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ياساش، تارقىتىش ۋە مەبلەغ توپلاش سېلىقى سېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتكە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى پائالىيەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، خۇشال-خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات لوزۇنكا شوئارلىرى ئېلان قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى.