باش بەت>خەۋەرلەر

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-10 11:09:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى  جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈم شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا، ئىسلاھاتنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇشى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ياخشى سىياسىي ئېففېكتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى ئاپپاراتلارنىڭ يېڭى فۇنكسىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەتتە جەھەتتىكى كونكرېت ۋەزىپىنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ھەقىقىي تۈردە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك تۈزۈم ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇشتەك كۈرەش ھالىتى ۋە قانچە جاپالىق-خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

بەشىنچى، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، باش نىشان ئارقىلىق ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە ئىسلاھات پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى. 

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.