باش بەت>خەۋەرلەر

ھەرىكەتچان نۇر سايىسى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى نامايان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-10-06 14:10:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

جاڭ بېي

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۆتكىلىپ تۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە زوق ئالىدىغان قىزىقارلىق تۈرىگە ئايلاندى. قاتار-قاتار ئېگىز بىنالار پارچە-پارچە غايەت زور تەسۋىرىي كۆرۈنۈش ئېكرانىغا ئايلىنىپ، ھەرىكەتچان نۇر سايىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا بۇ يەردە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى.

قۇملۇق كارۋىنىدىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغىچە، قەدىمكى يىپەك يولى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى نۇر سايىسى ئىچىدە ۋاقىت ۋە بوشلۇق بويىچە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى؛ ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان سىيمالاردىن مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن تەبەسسۇملۇق چىرايلارغىچە، تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى كېچە ئاسمىنىدا لەرزان نامايان قىلىنىپ، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈۋاتقان ھەربىر كىشىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىر قاپ سەرەڭگە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئاددىي دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا كەم ئۇچرايدىغان ماددىي ئەشيا ئىدى، ھالبۇكى، نەزەرىمىزنى ھازىرقى شىنجاڭ زېمىنىغا تاشلىغىنىمىزدا، كۆپلىگەن شەھەرلەردە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئەڭ چەت، يىراق يېزا-كەنتلەردىمۇ تېلېۋىزور، يان تېلېفون ئارقىلىق بۇ ئاجايىپ كۆركەم نۇر سايىسى مۇراسىمىدىن ھۇزۇرلىنالىدى.

بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈشنىڭ سېلىشتۇرما قىلىنىشى كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئىسسىق تۇپراقتا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ ھەم كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز قەلبىمىزدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھېسسىياتىمىزنى داۋاملىق كۈرەش قىلىش قەدىمىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.