باش بەت>خەۋەرلەر

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-11-09 17:51:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابدۇغېنى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لو جېڭگۇاڭ) پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللىشىنى قارار قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسلىقى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئالاقىدار يولداشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قىسمەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەلەر ۋە جايلاردا لېكسىيەنى قانات يايدۇرىدىكەن.

11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ى، «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ لېكسىيە تېزىسى» بويىچە كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلاپ، لېكسىيە ئارگىنالىنى تەييارلاپ يېزىپ، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن تولۇق، ياخشى تەييارلىق قىلدى. 

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ.