باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-11-28 17:38:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش» دېگەن تەلەپ بويىچە، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئائىلە ھۆددىگەرلىكى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش فاڭجېن-سىياسەتلىرىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ھۆددە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئالاقىدار تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىشتىكى تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنىڭ يېزا يەر سىياسىتىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا يەرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ يەر ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك؛ ئائىلە ھۆددىگەرلىك تىجارىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك» سىياسىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، يېزا يېرى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇش، ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنى ساقلاش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كوللېكتىپ يېرىنى قانۇن بويىچە ھۆددىگە ئېلىش ئاساسىي ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنى ساقلاش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددىگە ئالغان يېرىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

«ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك»نى يولغا قويۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتىدىن باشلاپ 75 يىلغىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. «ئادەم كۆپەيسە يەرنى كۆپەيتمەسلىك، ئادەم ئازايسا يەرنى كېمەيتمەسلىك»نى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىختىيارىي، ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك» ئاساسىي خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇق»نى ئايرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يېرىنى ھۆددىگە بېرىشكە ئالاقىدار قانۇن-سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك»نى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى، سىستېمىلىقى، ئۇزاق مۇددەتلىكىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك» ۋە 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ شۇ جايدا ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.