باش بەت>خەۋەرلەر

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2019-12-02 16:13:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابدۇغېنى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باي-قۇدرەتلىك بولۇش، دېموكراتىك بولۇش، مەدەنىي بولۇش، ئىناق بولۇش، ئەركىن بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش، قانۇنچىل بولۇش، ۋەتەنپەرۋەر بولۇش، كەسىپچان بولۇش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە بولۇش − سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى خەلق مائارىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر مىللەت تايىنىدىغان مەنىۋى رىشتە، بىر دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئەخلاق ئاساسى. كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بەرپا قىلىش-قىلالماسلىق جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

2012-يىلى 11-ئايدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «باي-قۇدرەتلىك بولۇش، دېموكراتىك بولۇش، مەدەنىي بولۇش، ئىناق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش، قانۇنچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر بولۇش، كەسىپچان بولۇش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.» بۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاساسىي كاتېگورىيە بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېڭى تەلەپ قويۇلۇپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، تەربىيەلەپ يېتەكلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ خەلق مائارىپى، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.