باش بەت>خەۋەرلەر

تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا چىڭىتايلى

يوللانغان ۋاقىت:2020-02-08 15:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك، مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ «پەرقنى تېز تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ھەرقايسى رايونلار يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق، توغرا، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە، تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىشتىن تارتىپ، تارقىلىش يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئايرىشقىچە، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشتىن تارتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى تىرىشىپ قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەلالىشىشى، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، دوكلات قىلىنغان كېسەللىك مىسالى سانىنىڭ سىجىل كۆپىيىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاغاندا توشۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە يۆتكىلىشى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، بىز ھەرگىزمۇ قىلچە بوشاڭلىق، بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ ھەرقانداق تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىمىز كېرەك. پەقەت ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا تەۋرەنمەسلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولساقلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش.» ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. پەقەت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقاندىلا، ئاندىن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؛ پەقەت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقاندىلا، ئاندىن يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، تېزدىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئايرىپ قۇتقۇزۇپ داۋالاش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ يۈزەكى ئىش قىلىش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئەمەلىي جايدىن قول سېلىپ، ئىنچىكە يەرلەرگە كۈچەپ، كونكرېت ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ، كونكرېت مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەپ، ھالقىمۇھالقا تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرمۇبىر دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. پەقەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى يەنىلا مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى چوڭ ئىش قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، قويۇق ئۇچراشقان بارلىق كىشىلەرگە قارىتا ئۆيىدە تېببىي كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى توسۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە قۇتقۇزۇش-داۋالاش بايلىقى ۋە مۇداپىئە بايلىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار ۋە قۇتقۇزىدىغان-داۋالايدىغان ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسى بازا ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كىشىلەر كىرگەن جاي ۋە چىققان جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق بىرجايدا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، ھەرقانداق بىر ھالقىدا بىپەرۋالىق قىلماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قاتتىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەم بىر مەيدان دوقۇرۇشما جەڭ، ھەم بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، تېخىمۇ ئىنچىكە خىزمەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشتە يېڭىپ چىقالايمىز، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىشتا يېڭىپ چىقالايمىز!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)