باش بەت>خەۋەرلەر

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-22 12:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇقادىر سىدىق مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ئـاپتونوم رايـونلۇق پـارتىيە كـومىتېتى دائىـمىي كـومـىتېت (كېـڭەيتىلگەن) يىغىنىـدا بـاش شـۇجـى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنـلاشتـۇرمىـلىرىنى پـۇختا تـۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ تەڭشەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىزدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىپىسى قانچە ئېغىر بولغانسېرى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شۇنچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇختا، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئۈزۈك نۇقتا»نى تولۇقلاپ، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىپ، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا پائال سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى، چارۋا ماللارنى ئەتىياز پەسىللىك كۆچۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تىجارەت-سودا شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش كېرەك. دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا كۆپ يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، تۈر زاپىسى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك، تولۇقلاش خاراكتېرلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىش؛ ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى قىزىق نۇقتىسى، يېڭى شەكلىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما ئىستېمالنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات توپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا «ھەيدەكچىلىك قىلىش» بىلەن «جەڭ قىلىش»نى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈرئەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇستەھكەملەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۈپەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. تۈزىتىشنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش نىشانى، ۋاقىت چېكى، تەدبىرى، تەلىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاخىرغىچە تۇتۇش، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر توپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە، ئەڭ ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يوچۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىللە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەتتە بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.