باش بەت>خەۋەرلەر

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-23 10:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا «مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە <قايتا قاراپ چىقىش> توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاس پىكرى» يەتكۈزۈلدى، تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە <قايتا قاراپ چىقىش> توغرىسىدىكى قايتما ئىنكاس پىكرى»نى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەركەزنىڭ كۆزىتىشتە تۇنجى قېتىم «قايتا قاراپ چىقىش»ى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش، قەتئىي غەلىبە قىلىشتەك تەنتەنىلىك ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تىكى قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق تۈزىتىپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «قايتا قاراپ چىقىش»تا بايقالغان مەسىلىلەر ۋە نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈزىتىشنى تۇتۇشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ بىۋاسىتە ئۆلچىمى قىلىشتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى قىلىشتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنىڭ يېتەرلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن «قايتا قاراپ چىقىش»تىكى قايتما ئىنكاس پىكرى بىلەن قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ھېساباتقا توغرىلىنىپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش نىشانى، ۋاقىت چېكى، تەدبىرى، تەلىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى تۈزىتىش، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى كۈچەپ تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بەنزىنىڭ يىللىق ئۇنىۋېرسال باھالىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ كۆزىتىلگەن مەسىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىر-بىرلەپ رەتلەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

بەشىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، سان-سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچىسى، تېخىمۇ پۇختا ئىستىلى بىلەن، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى(شەھەر)لىرى، تۇەن (چاڭ)لىرىگىچە ئېچىلدى. شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى(شەھەر)لىرى، تۇەن(چاڭ)لىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.