باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-28 12:00:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەيدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمگەك تەربىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنىڭ ئەمگەك روھىي قىياپىتى، ئەمگەك قىممەت يۈزلىنىشى ۋە ئەمگەك ماھارىتى سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەمگەك قىلىشنى بىلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئەمگەكنىڭ ئۆزگىچە ئادەم تەربىيەلەش قىممىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە سەل قارىلىپ، ئەمگەك تەربىيەسى سۇسلاشماقتا، ئاجىزلاشماقتا. بۇنىڭغا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەمگەك تەربىيەسى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك تەربىيەسى زۆرۈر دەرسى تەسىس قىلىش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسى مەزمۇنىنىڭ تەلىپىنى بېكىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەكنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئەمگەك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك ساپاسىنى باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك ساپاسىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىش ئەھۋالىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ئىلغارلارنى باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلانما ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىكى ئاساس قىلىش، بىر دەرىجە يۇقىرى مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم پايدىلانما ياكى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئائىلىلەر ئەمگەك تەربىيەسىدىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، مەكتەپلەر ئەمگەك تەربىيەسىدىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، جەمئىيەت ئەمگەك تەربىيەسىدىكى قوللاش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكا شارائىتىدىكى ئەمگەك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ئۇسۇلىنى ھېس قىلىشىنى قوللاش بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەر، يېزا، مەھەللە، پاراۋانلىق ساناتورىيەسى ۋە ئاممىۋى سورۇن قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئەمگىكىنى قانات يايدۇرۇشى، مەھەللىلەرنى تۈزەشكە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سورۇنلىرىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈچەيتىپ، خىراجەت سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۆپ تەرەپتىن يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە يەنە ئەمگەك تەربىيەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.