باش بەت>خەۋەرلەر

ئادەملەر ئىشچان بولغاچقا، مېۋە-كۆكتاتلار ئوخشىدى ياخشى تۇرمۇش «تېرىپ» چىقىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-06-26 10:43:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

پەيزاۋات ناھىيەسىدە:

ئادەملەر ئىشچان بولغاچقا، مېۋە-كۆكتاتلار ئوخشىدى ياخشى تۇرمۇش «تېرىپ» چىقىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى: ليۇ شياڭ

6-ئايدىكى پەيزاۋاتتا، يەر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا ــــ ئېتىزلىقلاردىكى تەكشى، بولۇق ئۆسكەن پەيزاۋات قوغۇنى پېلەكنى بويلاپ ئوزۇقلۇقنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، پىشىپ ساپاقتىن ئۈزۈلۈشنى كۈتۈپ تۇراتتى؛ قۇياش نۇرىدا، پەيزاۋات شىنمېي دەرىخىنىڭ دەرەخ تاجىسى يېيىلىپ يەرگە سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ، كۆپكۆك مېۋىلەر شاخلارغا لىق ئېسىلىپ تۇراتتى؛ ئەگمە پارنىكلاردا ھەر خىل رەڭدىكى كۆكتاتلار بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، ۋاقىت پەرقىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسا، بىر يىلدا ئۈچ قېتىم تېرىغىلى بولاتتى، سېتىلىش يوللىرى ياخشى، باھاسى يۇقىرى ئىدى...

ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ تۇپراق يېشىللىققا پۈركىنىپ، ئۈمىدكە تولماقتا ئىدى.

قوغۇننىڭ خۇش پۇرىقى پۈتۈن ئەتراپقا تارالدى

«ئەتلىك، تاتلىق، ھېقىقتەك قىزىل، شىرنىلىك، تەملىك، زۇمرەتتەك يېشىل»، يەرلىك كىشىلەر ئەزەلدىنلا پەيزاۋات قوغۇنىغا بولغان ماختاش سۆزلىرىنى قىلچە ئايىمايدۇ.

تېرىقچىلىق تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ، تېرىلغۇ كۆلىمى 250 مىڭ مودىن ئارتۇق، پەيزاۋاتلىقلار پەيزاۋات قوغۇنى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەپىلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ «قوغۇن» سەۋەبىدىن ئۆزگىرىش بولدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى چاقا كەنتىنىڭ ھاۋاسىنى پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ قويۇق خۇشبۇي ھىدى قاپلىغانىدى. كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىم ئۇرايىم بىر ئائىلە كىشىلىرى قوغۇنلۇققا كېلىپ، پىشقان پەيزاۋات قوغۇنىنى تاللاپ ئۈزۈپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا قاچىلىدى.

ئالدىنقى قېتىم ئېتىزلىققا كېلىپ قوغۇن ئۈزگەن ۋاقىت قاچان بولغىيتتى؟ بەش يىل ئىلگىرىمىدۇ ياكى ئون يىل ئىلگىرىمىدۇ؟ بۇ، ئابدۇرېھىمنىڭ ئېنىق ئېسىدە يوق ئىدى. كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ پەيزاۋات قوغۇنى تېرىشنى ئۆگەنگەن ئابدۇرېھىمنىڭ ئېسىدە پەقەت ئاشۇ قېتىمقى ئۇزۇن يوللۇق توشۇش پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ سېسىپ كېتىشىنى، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، يېرىم ئايغىچە كۆڭلى يېرىم بولۇپ: بۇنىڭدىن كېيىن قوغۇنمۇ تېرىمايمەن، قوغۇنمۇ ساتمايمەن، دېگەن قارارى قالغانىدى.

ھالبۇكى، ئابدۇرېھىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەيزاۋات قوغۇنى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ بولغانىدى، ئاشۇ بىر بۆلەك مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلسە، تۇرمۇشىدا قىزغىنلىقمۇ ئازىياتتى، كىرىمىمۇ تەسىرگە ئۇچرايتتى.

پەيزاۋاتلىقلارنى پەيزاۋات قوغۇنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە قەتئىيلىكىدىن ۋاز كەچتۈرگىلى بولمايدۇ، چاقا كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى چېن شيۇفېڭ بۇ نۇقتىغا باشتىن-ئاخىر ئىشىنىدۇ. دەل كەنتتە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى تەڭشىلىۋاتقاچقا، ئابدۇرېھىمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، چېن شيۇفېڭ ئۇنى «ئوتتۇرىغا چىقىپ»، باشلامچىلىق بىلەن قوغۇن تېرىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولدى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، پەيزاۋات قوغۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پەيزاۋات قوغۇنىنى تېرىش تەدرىجىي كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىشكە يۈزلەندى. ئابدۇرېھىم بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يېتىشەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، توشۇش جەريانىدا قوغۇن سېسىپ كەتكەن ئاشۇ ئىش يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر توسالغۇ ئىدى.

«سىزنىڭ تېخنىكا ئاساسىڭىز بار، تېخنىكىڭىزنى يەنە ئۆستۈرىمەن دېسىڭىز چاتاق يوق، مېۋە-چېۋە توشۇشقا كەلسەك، كۈندە ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ، ناھىيەمىزدە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى قۇرۇلغانلىقىنى بىلمەيسىزغۇ دەيمەن؟» چېن شيۇفېڭنىڭ بىر ئېغىز سۆزى دەرھاللا ئابدۇرېھىمنىڭ كۆزىدىن نۇر چاقنىتىۋەتتى.

2019-يىلى 6-ئايدا، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزى ــــ شىنجاڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرى(پەيزاۋات) توپ سېتىش سودا بازىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق بازىرىدا پۈتۈپ تىجارەت باشلاپ، ساقلاش، پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلدى. توردا نەق مال ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى + تور سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا سودىلىشىش، يىغىش-تەقسىملەش مەركىزىدىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسى ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەنئەنىۋى سېتىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ئابدۇرېھىمنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يەشتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تېخنىك خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئابدۇرېھىم كىچىك ئەگمە پارنىكتا قوش يوپۇق يېپىپ قوغۇن تېرىدى. قوش يوپۇق يېپىپ قوغۇن تېرىش مەشغۇلاتى سەل ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن بىر قەۋەت يوپۇق يېپىلغان ئوچۇقچىلىقتىكى يەرلىك قوغۇنغا قارىغاندا بىر يېرىم ئاي بالدۇر پىشىدىغان بولۇپ، پۇلنى كۆپ، تېز تاپقىلى بولىدۇ، ئۈچ مو يەردىن 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، قوغۇن تېرىشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئابدۇرېھىم بەك تەقەززا بولدى.

ئابدۇرېھىم لىق پەيزاۋات قوغۇنى بېسىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ سودا بازىرىغا كېتىۋاتقاندا، ئەتراپتىكى ھەرقايسى يېزا-بازار يوللىرىدىكى «قوغۇن توشۇش چوڭ قوشۇنى»مۇ ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردىن ئوخشاش بىر مەنزىلگە قاراپ ماڭغانىدى.

بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسى 266 مىڭ مو يەرگە پەيزاۋات قوغۇنى تېرىدى، نامرات ئائىلىلەر تېرىغان پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ ھەر موسىغا 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئاساسىدا، دېھقانلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىشقا يېتەكلەپ، پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 3000 يۈەندىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يەنە بازارغا تىرەك بولۇپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنىڭ نىسبەتەن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يەرلىك پەيزاۋات قوغۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى «ئالتۇن قوغۇن»غا ئايلاندى.

شىنمېي خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

2005-يىلى، پەيزاۋات ناھىيەسى ئۆزگىچە يول ئېچىپ، چەت ئەلدىن فىرانسىيە، ستېيلېر، نۈشېندىن ئىبارەت ئۈچ خىل شىنمېي سورتىنى كىرگۈزدى، كۆپ يىل يېتىشتۈرۈش-ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە شىنمېي شۇ جاينىڭ خاس تېرىقچىلىقىدىكى «يېڭى چولپان»غا ئايلىنىپ، سانسىزلىغان دېھقانغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندىلا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى دۆڭ دۈۋاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھاشىم سىدىق يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇدۇل ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى ئېتىزلىققا قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۆسۈۋاتقان كۆپكۆك شىنمېيغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بىر كۈنلۈك ئەمگىكىنى باشلايتتى، شۇنداق قىلمىسا كۆڭلى خاتىرجەم بولمايتتى.

«ئىلگىرى 15-10 كۈنگىچە ئېتىزغا بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمايتتى، ھازىر كۈندە ئېتىز بېشىدىن كەلمەيدىغان بولدى» دېدى بىر چەتتە تۇرغان خوتۇنى قىزىقچىلىق قىلىپ.

«بۇغداي، كۆممىقوناقنىڭ قارىغۇدەك نېمىسى بار، يا پۇلغا يارىمىسا، لېكىن شىنمېي ئوخشىمايدۇ، ئۆيدىكى تېلېۋىزور، كىرئالغۇلارنىڭ ھەممىسىنى شىنمېيغا تايىنىپ سېتىۋالغان ئەمەسمۇ؟» گەپ ئارىلىقىدا ھاشىم شىنمېي دەرىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن پۇتىدى، سۇغاردى.

2017-يىلى، ھاشىم شىنمېي ئۆستۈرۈشنى باشلىغاندا، بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن دائىم كېچىچە ئۇخلىيالمايتتى ــــ تېخنىكام يوق، تەجرىبەم يوق، شىنمېينى ياخشى ئۆستۈرەلمىسەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇم تەسكە توختايدۇ، دەپ ئەندىشە قىلغانىدى.

دېھقانلارنىڭ ئەندىشىسىنى كادىرلار ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ «شىنمېي»نى خاتىرجەم ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى تېخنىكا، بازار قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە قوللىدى.

«تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى بىر يىلدىن بۇيان نەچچە قېتىم دەرس سۆزلىدى، تېخنىكلار يەنە دائىم ئېتىزغا بېرىپ بىزنىڭ شاخ پۇتاش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئىشچانراق بولساقلا، چوقۇم ياخشى ئۆستۈرەلەيمىز» دېدى ھاشىم.

بۇلتۇر، ھاشىم ئائىلىسى مېۋىگە كىرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان توققۇز مو يەردىكى شىنمېينى 140 مىڭ يۈەنگە ساتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئۇ خۇشاللىقىدا «كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىپ»، ئۆيىگە نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنى سەپلىدى. بۇ يىل، ئۇ قالغان تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە شىنمېينى نىشانلىق كۆچۈرۈپ تىكمەكچى بولدى.

ھاشىمغا ئوخشاش شىنمېي ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نامرات ئائىلىدىن دۆڭ دۈۋاي كەنتىدە جەمئىي 179 ئائىلە بار. پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بۇ يىل ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان 71 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن كەنتنىڭ 4139 مو تېرىلغۇ يېرى ئىچىدە شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 3400 موغا يېتىپ، يېتەكچى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

«بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم ئىچىدە شىنمېيدىن قىلىنغان كىرىم يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇ يىل بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنمېي كەسپىنى زورايتىپ، داۋاملىق تۈردە شىنمېيدىن ئۈنۈم يارىتىمىز» دېدى دۆڭ دۈۋاي كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى ياۋ چۈنجۈن.

بۇ يىل، پەيزاۋات ناھىيەسى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنمېينى تولۇقلاپ تىكىش سالمىقىنى زورايتتى ھەم «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كىشى بېشىغا بىر مودىن شىنمېي بېغى توغرا كېلىش ئۆلچىمى بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن «پەيزاۋات شىنمېيسى» سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، مېۋە، پىششىقلاش كەسپى، ئوراپ قاچىلاش كەسپى، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بەردى.

«يېشىل» يوپۇرماقتىن «ئالتۇن» چۈشتى

پەيزاۋات ناھىيەسى «پەيزاۋات قوغۇنى» ۋە «پەيزاۋات شىنمېيسى»دىن ئىبارەت ئىككى تۈۋرۈك كەسىپنى چىڭ تۇتقاندىن باشقا، يەنە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

تېرىم يېزىسىنىڭ باشتېرىم كەنتى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان كەنت بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، ئېغىر نامرات كەنت. 2013-يىلى، پەيزاۋات ناھىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن بىر يولىلا پايدىلىنىپ، كەنتتە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن 356 ئەگمە پارنىك ياساپ، نامرات ئاممىنىڭ كۆكتات تېرىشى ئۈچۈن بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، باشتېرىم كەنتىنىڭ كەنت بېشىدا تۇرغاندا، ھەممە ئائىلىنىڭ كۆز يەتكۈسىز ئەگمە پارنىكلىرى بىلەن ئوچۇقچىلىقتىكى كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كەنت ئاھالىسى ھامۇت ئۆمەرنىڭ ئەگمە پارنىكىدىن يېقىندا بىر ئاپتوموبىل لاڭخا سېتىلىپ، 1800 يۈەن كىرىم قىلدى، ئۇنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

6-ئاينىڭ 19-كۈنى چىڭقى چۈشتە، ئەگمە پارنىكنىڭ ئىچى ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەنىدى، لېكىن ھامۇت يەنىلا لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىۋاتاتتى، كىيىملىرى ئاساسەن ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئەگمە پارنىكتا «كۆكتات تېرىش ئۈزۈلۈپ قالسا» بولمايدۇ، بىر تۈركۈم كۆكتات چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم كۆكتات ئۇلاپلا تېرىلىشى كېرەك. ئۇ تەرىنى سۈرتكەچ: بەش ئەگمە پارنىكنى ياخشى تېرىسام، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايمەن، دېدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا، بۇ يىل ئۇ ھەرگىز «سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىدا كىشى بېشى كىرىمىنى 500 يۈەن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا پەيزاۋات ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلىدىغان سورتى ۋە سانىنى كۆپەيتىپ، ناھىيەلىك مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ 21 كۈن نۇرى پارنىكىدىن پايدىلىنىپ، 17 مىليون تۈپ كۆكتات مايسىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ھەم پۈتۈن ناھىيەنىڭ 19 مىڭ 66 «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈش» ئەگمە پارنىكىدا كۆكتات تېرىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھەم ھەممە ئائىلىلەردە ھويلا-ئارانلارغا كۆكتات تېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جامباز يېزىسى قاراقاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سابىر ھوشۇرنىڭ ھويلىسىدا، ئۈزۈم تاللىرى ھويلىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا كۆكتات تېرىلغان ياغاچ ساندۇقلار رەتلىك تىزىلغانىدى.

«بۇلتۇر لازا، شوخلا، چەيزە، كاۋا تېرىغانىدىم، ئۆزۈم يېگەندىن باشقا يەنە 300 يۈەنلىك ساتتىم، بۇ يىل كېڭەيتىپ تېرىدىم، چوقۇم ياخشى باھادا ساتالايمەن» دېدى سابىر كۈلۈپ تۇرۇپ.

پەيزاۋات ناھىيەسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئستېرېئولۇق تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھويلىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭى كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بىر كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كۆپەيتتى، ھويلا-ئارانلارنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش تۇرمۇش مۇھىتىنى تېخىمۇ ئازادە قىلدى.

مۇشۇ پەيتتە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېشىل دالىلىرىدا، ھەممىلا يەردە ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەن سىيمالارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يەرگە تېرىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى ناھايىتى تېزلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ!