باش بەت>خەۋەرلەر

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-25 10:24:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

تەبرىك خەت

جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان مۇشۇ پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! كەڭ پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

پىيونېرلار ئەترىتى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشتىكى زاپاس قوشۇن. كەڭ پىيونېرلار پىيونېرلار ئەترىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەكتەپتە ئىرادە تىكلەپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتۈن جەمئىيەت پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى، يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قىزىل گالىستۇكنىڭ يېڭى دەۋردىكى شان - شەرىپىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىيونېرلار ئەترىتى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشتىكى زاپاس قوشۇن. كەڭ پىيونېرلار پىيونېرلار ئەترىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەكتەپتە ئىرادە تىكلەپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پۈتۈن جەمئىيەت پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قىزىل گالىستۇكنىڭ يېڭى دەۋردىكى شان-شەرىپىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلەر-بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پىيونېرلارنىڭ قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى شېن يۆيۆ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ چۇەنتاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى خې جۈنكې، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ گاڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مائارىپ تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 2000 كىشى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.