باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرى سۆزلىشىش مېخانىزمى 8-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-25 11:01:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرى سۆزلىشىش مېخانىزمى 8-قېتىملىق يىغىنى 7-ئاينىڭ 23 - كۈنى سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە يەككە تەرەپلىمە قىلمىشقا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ مېخانىزملاشقان ئالاقىسى-ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ماسلىشىشىدىكى مۇھىم سۇپا ۋە يول. ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئالاقە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ۋە پۈتۈن يەرشارىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ماسلىشىپ تىرىشىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا ئورتاق تۈرتكە بولدى. رۇسىيە-جۇڭگو ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ئىزچىل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قەرەللىك تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تۈرلىرىگە تۈرتكە بولدى ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، يىراق مۇساپىلىك ئالماشتۇرۇش يېڭى شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ھەمكارلىقنى داۋاملىق پائال ئالغا سىلجىتتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مول، پايدىلىق مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.