باش بەت>خەۋەرلەر

«تيەنۋېن 1-نومۇر» مارسقا قاراپ ئاتلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-25 11:51:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

«تيەنۋېن 1-نومۇر» مارسقا قاراپ ئاتلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ جې، جوۋ شۈەن). «ئاسمان توققۇز قەۋەتتىن تۈزۈلگەن، كىم ئۇنى ئايلىنىپ ئۆلچەپ باققاندۇ؟» 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلى شەرقىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدىكى جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، چاڭجېڭ 5-نومۇر ياۋسى توشۇغۇچى راكېتاسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «تيەنۋېن 1-نومۇر»لۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى، 2000 سېكۇنتتىن ئارتۇق ئۇچقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزۈلۈپ، مارسنى تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا سەييارىلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەر شارى بىلەن مارس ئارىسىدىكى يۆتكىلىش ئوربىتىسىدا تەخمىنەن يەتتە ئاي ئۇچقاندىن كېيىن، مارس ئەتراپىغا يېتىپ بېرىپ، «تورمۇزلاش» ئارقىلىق مارسنى نىشانلاشنى تاماملاپ، مارسنى ئايلىنىدىغان ئوربىتىغا كىرىدۇ ھەم پۇرسەت تېپىپ قونۇش، كۆزىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مارسنى ئىلمىي تەكشۈرىدۇ.

ئالەم توغرىسىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى. قەدىمكى زاماندىكى شائىر چۈ يۈەن يازغان «تيەنۋېن»دىن بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىگە «تيەنۋېن 1-نومۇر» دەپ نام بېرىلگەنگە قەدەر، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنىڭ چېكى بولمىغان، ئۇلۇغ ئارزۇ توختاپ قالمىغان.

تۇنجى قېتىم مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاينى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ تۇڭجيې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى مارسنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ ۋە كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ، مارسنى تەكشۈرۈش ئىلمىي سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

«بۇ قېتىمقى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئىلمىي نىشانى ئاساسلىقى مارسنىڭ شەكلى ۋە گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سۇ، مۇزنىڭ تارقىلىشى، مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ تەركىبى، مارس ئاتموسفېراسىنىڭ ئىيون قەۋىتى ھەم سىرتقى يۈزىنىڭ كىلىماتى ۋە مۇھىت ئالاھىدىلىكى، مارسنىڭ فىزىكىلىق مەيدانى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى ليۇ تۇڭجيې.

دۆلىتىمىزنىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى ئوچۇق، ئىلمىي ئىزدىنىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىغا پائال قاتناشتى ھەم ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2016-يىلى 1-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، توشۇغۇچى راكېتا، قويۇپ بېرىش مەيدانى، ئۆلچەش-تىزگىنلەش، يەر يۈزىدە قوللىنىش قاتارلىق كونكرېت بەش چوڭ سىستېمىدىن تەركىب تاپقان.

دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاينى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزى قۇرۇلۇشتىكى ئومۇمىي گەۋدە ئورۇن بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى توشۇغۇچى راكېتا سىستېمىسىنى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە شاڭخەي ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سىستېمىسىنى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان. جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئۆلچەش-تىزگىنلەش سىستېمىسى بۆلۈمى قويۇپ بېرىش، ئۆلچەش-تىزگىنلەشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى يەر يۈزى قوللىنىشچان سىستېمىسىنى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش، ساقلاپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان.