باش بەت>خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 970 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-25 23:40:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىي بار بولغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1 مىليون 977 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا 385 مىڭ 900 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان؛ يەككە سودا-سانائەتچى 1 مىليون 546 مىڭ 200 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان.

باجنى كېمەيتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، مۇددەتنى كېچىكتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش... بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، ئوچۇق تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى.

يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان قاتناش-تىرانسپورت، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا، ئۈچ ئايلىق ئۆي-مۈلۈك بېجى، شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئۆي-مۈلۈك بېجى، شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى سودا-سانائەت كەسپىدىكى ھەم باشقا توك باھاسى، چوڭ سانائەت توك باھاسىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئابۇنىچىلىرىغا قارىتا، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئۇزارتىدۇ، يەنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى يۇقىرىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئابۇنىچىلىرىنىڭ توك ھەققىنى ھېسابلىغاندا، ئەسلىدىكى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەن توك باھاسى سەۋىيەسىنىڭ %95ى بويىچە راسچوت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىر قاتار يۆلەش تەدبىرلىرىنى چىقىرىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە كارخانىلارغا قارىتا ئۇدۇللىشىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەبلەغ كەمچىل بولۇش، خام ئەشيا كەمچىل بولۇش، تەمىنلەش زەنجىرى راۋان بولماسلىق، سېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ كارخانا قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋاقتىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كارخانا قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى تۆت خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىشنى پىلانلىدى؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى توردا تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتىنى توردا بېجىرىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە تارقىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدۇ.