باش بەت>خەۋەرلەر

ئالدىنقى يەتتە ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %208 ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-28 11:06:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 246 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %208 ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇل خەۋپ-خەتەر تۆلەم تولۇقلىمىسى پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردىمى بېرىش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىقلارنى چىقارغان ھەم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلىغا ماس كېلىدىغان «جىجياڭتۇڭ» «تاۋار ماركىسى قەرزى» قاتارلىق مەخسۇس تۈردىكى كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا پائال ماسلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى يۇقۇم مەزگىلىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزدى، بۇ تەدبىرلەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېشىل مۇلازىمەت يولى ئېچىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپلىگەن كارخانا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى «جيۇشېڭخې» يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسىدىن 137 تۈرنى ۋە يەتتە تۈرلۈك پاتېنتنى بىرىكتۈرۈپ رەنىگە قويۇش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 100 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتىگە ئېرىشتى؛ شىنجاڭ لۈسەي سۇ تېجەش پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 5 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، شىنجاڭ جۈنشىن خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 23 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈردى.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، بۇ ئىدارە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى توققۇز پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرز پۇلى ئۆسۈم ياردىمى ئۈچۈن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇل تەكشۈرۈپ ئاجراتتى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ ئاجرىتىش كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى + پۇل مۇئامىلە كاپىتالى + ھۆكۈمەت مەبلىغىنى يۇغۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.