باش بەت>خەۋەرلەر

قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، كەسىپ غول تارتىپ باراقسانلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-28 11:36:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى


قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، كەسىپ غول تارتىپ باراقسانلىدى


7-ئاينىڭ 23-كۈنى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي قىسىم باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلات سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار كىسلاتادا يۇيۇلغان تىتان تاختىنى تەييار مەھسۇلات رايونىغا قويماقتا.

(«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)


[تەھرىر ئىزاھاتى]

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. يېقىندا، «شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كىچىك ئەترىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلىدە باش تېمىلىق زىيارەتنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتكە مەركەزلەشتۈردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى سىز بىلەن بىللە كۆرۈپ باقايلى.

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى: جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن خاس باغ-ئورمان بازىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىن، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىچە؛ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر كەسپىدىكى بۇلۇتتا «ئەقىل» توپلاشتىن، چوڭ تىپتىكى ياسىمىچىلىق كەسپىدە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە... 7-ئايدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانسىڭىز، بارغانلا يېرىڭىزدە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدەم تىۋىشلىرىنى ئاڭلىيالايسىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 3246 كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 6-ئايدا، ئېشىش سۈرئىتى %12.2كە يېتىپ، 2014-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى يەككە ئايلىق ئەڭ يۇقىرى ئېشىش ھەجمى يارىتىلغان.

تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازاردا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن «ئەلا بولۇش»نى چۆرىدەپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، «پۇختا بولۇش»نى چۆرىدەپ ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كىرىزىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

ئەندىزىنى ئۆزگەرتىش تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىنى ئاچتى

كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان يۈك ئاپتوموبىللىرى يوق، پەقەت چاق ئايلىنىپ، تاسما ئارقىلىق يەتكۈزۈشلا بار ئىدى. 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئارا تۈرۈك سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىڭشېڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان قېزىش نەق مەيدانىدا پەقەت تۆتلا ئىشچى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

«بۇ، بىز 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كىرگۈزگەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئايلانما چاقلىق داۋاملاشما تېخنولوگىيەلىك كۆمۈر قېزىش تۈرى بولۇپ، ئىشچىلار كاندا مەشغۇلات قىلمايدۇ، بەلكى G5 تورى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىدۇ. ھازىرقى سېلىنما تەننەرخى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ۋە ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنىلەر ئازايدى، قېزىش ئۈنۈمى، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسى ئۆسۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.» دېدى شىنجاڭ جياڭنا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى كان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن كان باشلىقى خې شاۋخۇا كاندىكى يېڭى تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا نەزەر سالساق، ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگەرتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى ماس ھالدا بارلىققا كەلتۈردى؛ كاپىتال كۆجۈملىشىش تىپىدىكى، تېخنىكا كۆجۈملىشىش تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى بايلىق خوراش تىپىدىكى، يىرىك تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم جياڭ شياۋياڭ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى مىسال قىلدى: ئون يىل ئىلگىرى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى يىلىغا 90 مىڭ توننا پىششىقلانمىغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئېنېرگىيە كۆمۈرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى، شامال، يورۇقلۇق بايلىقىنى ئېچىش يوق دېيەرلىك ئىدى. 2019-يىلى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ پىششىقلانمىغان كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 24 مىليون توننىغا يەتتى، شۇ جايدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %84كە يېتىپ، كۆمۈر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 101 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈلدى؛ شامال، يورۇقلۇق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىسىدىن توققۇزى قۇرۇلدى، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 800 مىڭ كىلوۋاتقا، يورۇقلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 20 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2 مىليارد 393 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ تۇتۇپ، تۆۋەن سەۋىيەلىك كەسىپ، يىرىك شەكىلدىكى تەرەققىيات يولىغا تايىنىۋېلىشتىن تىرىشىپ قۇتۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىچكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا تېز قەدەم قويدى.

تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىيات يولىدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئالاھىدە تىرانسىفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى دىققەتنى «ئالاقە تورى +»، يېڭى ئېلېكتىر ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم، زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن ياسىمىچىلىق مۇلازىمەت كەسپىنى قوش چاقلىق قوزغىتىشتەك تەرەققىياتتا چىڭ تۇردى. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىلاستىكلىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانى، ئالدىن قوراشتۇرۇش شەكلىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسفورموتور پونكىتى، غەيرىي كىرىستال قېتىشمىلىق تىرانسفورموتور قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

بازارنى چوڭقۇر ئېچىش تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە بوشلۇق ھازىرلىدى

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياڭاقلىق سايە تاشلاپ تۇرغان ئاسفالت يولنى بويلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى مۇبېن ئاشلىق-ياغ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى شەن جېڭفۇ لو رۇخۇا، ياسىن راخمان قاتارلىق بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ياڭاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار بۇ يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىككەندە، پەقەت تېرىيدىغان يېرى بولۇش، قورسىقىنى تويغۇزۇشنىلا ئويلىغان بولۇپ، ئۆزلىرى تىككەن ياڭاقنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە شۇ ئايان ئىدىكى، ئۇلارنىڭ ياڭىقىنىڭ مۇقىم بازارغا ئىگە بولۇشى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 2005-يىلى ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ياڭاقلار ئەمدىلا مېۋە بەرگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى 440 مىڭ توننا، شىنجاڭنىڭ ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى 23 مىڭ توننا ئىدى؛ 2019-يىلى پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق مەھسۇلات مىقدارىلا 438 مىڭ 100 توننىغا يەتتى. «ھەممىلا يەردە ياڭاق، باشقىلارنىڭ ياڭىقىمۇ ياخشى تۇرسا، نەگە ساتىمىز؟» ئونسۇ ناھىيەسى مۇبېن ئاشلىق-ياغ، ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەيدان باشلىقى ليۇ گوچىڭمۇ غەمگە پاتقانىدى. ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى زىچ ھەمكارلىشىپ ئۇرۇقلۇق تاللاپ كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، چاتاش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوغۇت تېجەش ۋە بىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى يولغا قويدى، ياڭاق مېيى، ياڭاق قىيامى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ياراتتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى بولۇپ، ھەم ئەنئەنىۋى كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار، ھەم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ بار، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى.

2019-يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىدە باغ-ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 956 مىڭ توننىغا يەتتى. كەلگۈسىدە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 5 مىليون 800 مىڭ مو باغ-ئورماننىڭ ھەممىسى ھوسۇل بېرىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، مەھسۇلات مىقدارى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى باغ-ئورمان بازىلىرىنىڭ ھەممىسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرماقتا، بازار بوشلۇقىنى قانداق كېڭەيتىش كېرەك؟ قەشقەر ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شيا شىدې مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىك قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، تىجارەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خاس سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، مەھسۇلات ئېچىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ مىقدار جەھەتتىن قاندۇرۇلۇشتىن سۈپەت جەھەتتىن ئۆسۈشكە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭى بازار يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە تايىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈركۈملەپ سىرتقا چىقىرىشنى تەشكىللەپ، ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جياڭسۇ ئۆلكىسىنى «بازا» قىلىپ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگىچە يەتكۈزۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىلجان ئەخمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۈستىقۇددۇس، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، كالا، قوي، ئات گۆشى مەھسۇلاتلىرى، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى، نان قاتارلىق داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك، خاس مەھسۇلاتلارنى تاللاپ چىقىپ، يەرلىكنىڭ ئاممىۋى رايون سۈپەتلىك ماركىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەپ، بىرتۇتاش توشۇپ، بىرتۇتاش سېتىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەرلىك ئېنېرگىيە توپلىدى

كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

«26 مىڭ جۈپ ئەجداد كەپتەر بىر يىلدا 260 مىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئەۋلاد كەپتىرىنى كۆپەيتىپ چىقىرىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ‹دۆلەتنىڭ چارۋا-قۇش ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسى›دە، كەپتەرمۇ ئۆي قۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئىستېمالچىلارنىڭ كەپتەرگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زور، خوتەن ۋىلايىتىلا كۈنىگە 10 مىڭ كەپتەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.» 7-ئاينىڭ 20-كۈنى لوپ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نەسىللىك كەپتەر پەن-تېخنىكا باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى چېن شۆشيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يەرلىكنىڭ كەپتەر كەسپىنىڭ ئايلىنىشى «بەش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن» باقمىچىلىق ئەندىزىسى بويىچە كېڭەيتىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن پىششىقلاش، پەن تەتقىقات بىلەن كەسىپ، كارخانا بىلەن باقمىچىلىق ئائىلىلىرى جىپسىلاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى.

مۇخبىرلار گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغاندا، خوتەن ۋىلايىتى يولغا قويغان «100 مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون» دەرىجىلىك يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، ھەربىر باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھۆددىگە ئېلىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان كادىرلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، باقمىچىلىق كىچىك رايونلىرىنىڭ تۈرتكە بولۇشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە كۆلەملەشكەن كەسىپلەر دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش جەريانىدا كەسىپلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنى يۇقىرى سەۋىيەگە ئۇزارتىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قېلىپلىشىش، قولايلىشىش، سۈپەتلىك ماركىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇردى. «بۇ زاكازلار بولسىلا، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسەك بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىزمۇ كارخانىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز.» 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)گە جايلاشقان شىنجاڭ جىنلىيۈەن كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونى تېپىپ بېرىش ئىشىنى تىلغا ئالغاندا، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى نيۇ چاۋنىڭ قەلبى چەكسىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى. توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، قوللاش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كارخانىلارغا زاكاز تېپىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە، ئۈنۈم يارىتىشىغا ياردەم بەردى.

ئالاھىدە مەزگىلدىكى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشمۇ كېيىنكى قەدەمدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالدى. بۇ يىلقى يۇقۇم مەزگىلىدە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ۋە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «بىرگە بىر» ئالاقىلەشكۈچىلەر مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زور تۈركۈمدىكى كادىرلارنى كارخانىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، كارخانىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنداق ئىنچىكە باشقۇرۇش ئۇسۇلى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش جەريانىدىكى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە زور تۈركۈمدىكى تۈرلەردە ئىش باشلاش ۋە داۋاملاشما قۇرۇلۇش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.