باش بەت>خەۋەرلەر

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-29 10:55:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سىنلىق ئۇلانما ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، ئورۇنلاشتۇردى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت-تېببىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ زۇڭجيۇ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جىڭجىن، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جيەن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لېي جېڭلۇڭ ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

يۈ شۆجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۈن چۇنلەن شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئېنىق خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا شىنجاڭغا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. شىنجاڭ بىرىنچى ۋاقىتتا قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشى، كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. «تۆت بالدۇر»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئىلمىي، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، مىقدارى يېتەرلىك، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، كېسەل كارىۋىتى، تېببىي خادىملار ۋە دورا، ماددىي ئەشيالارنى ئالدىن تەييارلاش كېرەك، «ئون قېتىملىق ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنىڭ توققۇز قېتىملىقى ئىشلىتىلمىسىمۇ»، تەييارلىق كۆرۈپ قويۇپ پايدىلىنىلمىسىمۇ، ھەرگىز تەييارلىقسىز جەڭ قىلماسلىق كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساغلاملىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش باش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكى، تەلىپى بويىچە، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ، لۇ شۈپىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.