باش بەت>خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5- نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلىنغان سۆز

يوللانغان ۋاقىت:2020-07-30 11:09:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

(2020-يىلى 7- ئاينىڭ 28-كۈنى، بېيجىڭ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى    شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك ھەرقايسى كېڭەش ئەزالىرى،

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى،

ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار،

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم ئۆز نامىمدىن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەزالار ۋەكىللىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇپ، ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپى بەرگەنىدىم. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى ئەندىزىسى ۋە پىرىنسىپى بويىچە يۈرۈشۈپ، خەلقئارالىشىش، قېلىپلىشىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەڭ دەسلەپكى 57 قۇرغۇچى ئەزا قول تۇتۇشۇپ يولغا چىقىشتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە قاتارلىق ئالتە چوڭ قىتئەدىن كەلگەن 102 ئەزا بىر يەرگە جەم بولۇشقىچە، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئەزالارنى 20 مىليارد دوللارغا يېقىن ئۇل ئەسلىھە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى زورىيىپ، ياخشى ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسۈپ، خەلقئارادا كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك بولغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېپيېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش فوندى قۇرۇپ، ئەزالارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، پەقەت ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشلا كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان جاھاندىكى توغرا يول. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تىرىشىپ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئاكتىپ رايون ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك. مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمەن:

بىرىنچى، دىققەتنى ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ باش تېمىسى. ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ماددىي ئاساس. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بارلىق ئەزالارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك، تەننەرخى تۆۋەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بىلەن تەمىنلىشى، ھەم ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەدەت بېرىپ، ھەم يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەدەت بېرىپ، ئاسىيا ھەم باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىچە تەرەققىيات ئەمەلىيىتى سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەندىلا ئاندىن كەلگۈسىنى پىلانلىغىلى بولىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئۆزى خەلقئارا ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، كەسىپ ئەندىزىسى، ئاپپارات ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، جانلىق، كۆپ خىل تەرەققىيات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەت يارىتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭىچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاپپاراتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى تەرەققىي قىلىشتا، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئورتاق ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ تەڭشىلىش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ۋە يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى قوللاپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ بۇرچىغا يۈز كېلىشىنى، دەۋرگە يۈز كېلىشىنى، كۆپچىلىكنىڭ تاپشۇرۇقىغا يۈز كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا، مەن بۇ نۆۋەتلىك كېڭەش يىللىق يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن!

كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى)