باش بەت>خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-13 10:16:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش ئۈچۈن

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى پىلانلاش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، كەڭ بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش غەيرىتى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ئوۋياڭ چاڭچيۇڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم يېڭىچە ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، مەھەللە سەھىيە ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئوتلاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك سۆزىدە بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ناھايىتى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردۇق. بۇ مەزگىلدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ئاڭلىق ھالدا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى قوزغىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە تەشكىللەش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، بىرىنچى سەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تىرىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىز پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلى ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئۈچ نۇقتىلىق ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، جەۋھىرىنى ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنى خىزمەتلەرنى پىلانلاش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش، بولۇپمۇ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پائال ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىممىتى، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈچىنچى، كۆپچىلىكنىڭ يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، قەلبىگە چوڭ ۋەزىيەتنى پۈكۈپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىگىلەپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى پەسەيتىش ۋە تۈگىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زېھنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، شۈ تاۋ قاتارلىقلار بار.