باش بەت>خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-26 10:52:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

 مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى خۇشال-خۇرام، ئېجىل-ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. دائىملاشقان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن دائىرىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشىنى ئازايتىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، كۆلەملىك سىرتتىن كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئادەم»، «بۇيۇم» جەھەتتىن تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمپورت قىلىنغان بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرگە قارىتا شەخسىي مۇداپىئە، كۈندىلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قەرەللىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق سورۇنلارغا قارىتا قاتتىق بولغان مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە تازىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىقلارنىڭ «قاراۋۇلخانا»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدىكى داۋالاش-تەكشۈرۈش، دوختۇرخانا ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ماسكىنى ئىلمىي تاقاش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش، قولنى پات-پات يۇيۇش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەردە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچى، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ «ياردەم تەلەپ قىلالايدىغان يولى بولۇش، ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى باغلانغان بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوزغىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، يېتىم بالىلار، ئۆيىدە قالغان ئاياللار ۋە بالىلار، تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغان سەرگەردان تىلەمچىلەر، مېيىپلەر، روھىي كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى يوقلاش، ھال سوراش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەيدىغان تامىقى بولۇش، قىشلىق كىيىمى بولۇش، سوغۇقتىن ساقلانغۇدەك ئورنى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ ئاجرىتىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك. قۇرۇلۇش ساھەسى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاش-ياساش كەسپى ھەم يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ بايراملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ قاندۇرۇش كېرەك. كۆمۈر، توك، نېفىت ۋە گاز، تىرانسپورت جەھەتتىكى تەمىنلەش-ئېھتىياجنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «كۆك-تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۆش تۈرى، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم زاپاس تاۋارلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، سۈت قاتارلىق مۇھىم تاۋارلارنىڭ بازار تەمىناتى ۋە باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايرام ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، باھانى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ساغلام بولغان، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان تور ۋە تور سىرتىدىكى بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاممىنىڭ تىنچ-ئامان، تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يولۇچىلار تىرانسپورتىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، يولۇچى-ئورۇن نىسبىتىنى تىزگىنلەش، يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، دەم ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ سەپەرگە چىقىشقا يېتەكلەش كېرەك. تىرانسپورت كۈچى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل تىرانسپورت شەكىللىرىنى ئۇلاش، چېتىشنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى «ئەڭ ئاۋۋالقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى بېلەت سېتىشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشىلاپ، ئاپتوماتىك بېلەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، ئالدىرايدىغان يولۇچىلار يېشىل يولى تەسىس قىلىپ، بېكەتكە كىرىشتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ساغلاملىق كودى، ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان شارائىتتا سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوللاردىكى توسۇقلارنى ئېچىپ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرانسپورت يوللىرىدا قاتناشنىڭ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنى ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك-خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى، بولكىۋاي» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، «ئۈچنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، چارچاپ ھەيدەش» قاتارلىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. خەتىرى يۇقىرى كەسىپ، ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، خەۋپى يۇقىرى كۆمۈر كانلارنى قەتئىي تۈزەپ، خەتەرلىك-خىمىيەلىك بۇيۇملار جەھەتتىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇرلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئېغىر خەتەر مەنبەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھۆددىگە ئېلىش-قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساليوت-پوجاڭزىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، كىنىشكىسىز سېتىش، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ساقلاش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، سانائەت-سودا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش سايمانلىرى ۋە بۇيۇملىرى، شەھەر يېقىلغۇ گازى قاتارلىقلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، مېھمانخانا، رېستوران، ناخشا-ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر، دۇكانلىق ئۆي، «كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن» سودا مەيدانى قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى سورۇنلاردا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە يولۇچى توشۇش ئاسما يوللىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى يىل كېچىسى، گۈلخان كېچىلىكى، باغ سەيلىسى، بۇتخانا سەيلىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئادەم ئېقىمىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى چىڭىتىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار-يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئىنتايىن ناچار ئاپەتلىك ھاۋا رايى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالتىنچى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، مەنبەدىن مۇقىملاشتۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك مۇقىمسىز ئامىللار ۋە ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، چەت، ياقا يېزىلار، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايلار، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر قاتارلىق جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار ھەمدە تۈرلۈك جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قورال-ياراغقا، پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان، يەككە ئەسەبىي زوراۋانلىق، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەر، يېمەكلىك، دورا، مۇھىتقا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە چوڭقۇر زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشى تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدا ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش، چارلاش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق نىشان، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى بايرام»دىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ۋاقىت تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىق-تەربىيەنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، ئىقتىسادچىللىق شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئىسراپچىلىق قىلىش، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق، تۈزۈك باقماي كاتتا دەپنە قىلىش، قەبرە سۈپۈرۈشتە مەدەنىي بولماسلىق قاتارلىق ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى قەتئىي توسۇپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغدىكى ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالچىلىرىنى ئاممىۋى قوشۇق، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش، ئوپچە تاماقنى بۆلۈپ غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، بىر قېتىملىق قاچا-قۇچىلارنى ئاز ئىشلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى ئاڭلىق توسۇپ، ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بۇيرۇتۇشقا يېتەكلەپ، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى»غا خاتىمە بېرىش كېرەك. ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا تۇتۇشنى مەنئى قىلىش ۋە ياۋايى ھايۋانلار ھەم ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملار سودىسىنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى، ياردەم تولۇقلىمىسى، مۇكاپات پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال پاراۋانلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ تۈزىتىش كېرەك. بايرام مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، نىشانلىق كۈچەش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچمىگەن بىلەن، لوبەننىڭ تامىقىنى يېيىش، شەخسىي كارخانا لوبەنىنىڭ سوۋغاتلىق بۇيۇمى، سوۋغاتلىق پۇلىنى قوبۇل قىلىش، شەخسىي ئاپتوموبىلنى ھۆكۈمەت پۇلىغا بېقىش قاتارلىق يوشۇرۇن، ئۆزگەرگەن مەسىلىلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ساختا ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ يېنىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. تۆۋەنگە خالىغانچە ۋەزىپە چۈشۈرۈش، ماتېرىيال ۋە مەلۇمات جەدۋىلى تەلەپ قىلىش، تۈگىمەس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كادىرلاردىن «24 سائەت ئىش ئورنىدا تۇرۇش»نى خالىغانچە تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىدىغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامى تەلىپىنى چىڭىتىپ، ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئارىغا ئادەم سېلىپ سەمىگە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە قارىتىلغان يوقلاش-ھال سوراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قاتارلىقلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

توققۇزىنچى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم دىجورنىلىق قىلىش ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، سىرتقا چىقسا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم، جىددىي ئەھۋال، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، بىرىنچى ۋاقىتتا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش ھەم تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇش، تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلار بايرام مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.