باش بەت>خەۋەرلەر

كەسكىن ۋەزىيەتتە خىسلىتىنى نامايان قىلىش

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-26 11:28:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

ـــ 2020-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يارقىن جاۋاب قەغىزىدىن ئالغان ئىلھام

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى  يۈ جياشىن، ليۇ خۇڭشيا، زوۋ دوۋېي، دۇ جىڭ

2020-يىلى، ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، «ئىنتايىن» دېگەن بۇ سۆز جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنىڭ تەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا بۇ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ‐‐

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەردى، دۇنيا ئىقتىسادى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىشكە پېتىپ قالدى، بىرقىسىم دۆلەتلەر توسۇش، بېسىشنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى... بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن «ئۈچ قات زەربە» مىسلىسىز بولدى.

كەسكىن ۋەزىيەتتە، قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. مىسلىسىز زەربە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يول باشلاپ نىشان بەلگىلەپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور ئىقتىساد پاراخوتىنى باشلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنى كونترول قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى... جۇڭگو خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە خەتەرلىك چوققىدا ‐‐

جۇڭگونىڭ جاۋاب قەغىزى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

«جۇڭگو يېقىندىلا دۇنيانىڭ ئۆزىگە نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى» ‐‐ بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا پېڭبو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىدە مۇشۇنداق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يارقىن ئىپادىسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، دېيىلدى.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغىنى، دەل جۇڭگو دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بولدى: ئالدىنقى 11 ئايدا، ئەل ئارا سېلىنما %0.2 ئاشتى، ئالدىنقى ئون ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى %0.7 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كەسپى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى %0.3 ئاشتى...

GDP، سېلىنما، تاشقى سودا، ئىستېمال قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئارقا-ئارقىدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن «مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن» سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختىلانغانلىقىنى، ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ تولۇپ تاشقانلىقىنى دەلىللىدى. بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا مۇنداق باھا بېرىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل قايتا جانلاندى، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا بېرىلگەن سوۋغا.

بارغانسېرى كۆپ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ «مۇسبەتكە ئۆزگىرىشى» ئالاھىدە يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى يارقىن جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى ‐‐

ئىقتىسادنى پەسىلمۇپەسىل ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا 100 تىرىليون يۈەننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليوندىن ئاشتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(RCEP)نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالىدى...

جۇڭگونىڭ بۇ جاۋاب قەغىزى قانچىلىك قىممەتلىك؟

ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخى كوردىناتىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىر قېتىم قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق تونۇش كېرەك؟

ئامېرىكا خېيشى گۇرۇھىنى بىرلىشىپ قۇرغۇچى، باش مۇدىر سۇ شىمىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى يەتتە قېتىم چوڭ كۆلەمدە بازارنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى چېكىنىشىنى باشتىن كەچۈرگەن. «باشقا بىرنەچچە قېتىملىققا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ زەربىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي كىرىزىس 100 يىلدىمۇ ئاسان كۆرۈلمەيدىغان كىرىزىس».

يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بىرقانچە قېتىملىق چوڭ ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈردى. يىراققا نەزەر سالساق، 1929-يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ چوڭ كاساتلىشىشى، يېقىنغا نەزەر سالساق، 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى... لېكىن زەربە ئۈستىدە توختالغاندا، ھەممىسىنى بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

«يۇقۇم 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، باش ئىقتىساد ئوبزورچىسى مارتىن ۋولف شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «يۇقۇم قانچىكى ئۇزاق داۋاملاشسا، قامال قىلىش تەدبىرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قانچىكى ئۇزاق بولسا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش دەرىجىسى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ، ئەسلىگە كېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زور بولىدۇ».

مۇشۇنداق مەنزىرىنى ئەسلىگەندە ئادەمنىڭ يۈرىكى جىغىلدايدۇ: نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختىدى، سودا سارايلىرىنىڭ ئىشىكى تاقالدى، كارخانىلار تاقىلىپ قالدى، دوختۇرخانىلار تويۇندى، كىشىلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى ئۈزۈلۈپ قالدى...

ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئامېرىكا پاي بازىرىدا سودا تۆت قېتىم ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، ۋەھىمە كەيپىياتى يامراپ كەتتى؛ خەلقئارا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور دەرىجىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى؛ نۇرغۇن كارخانىلار تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى...

يۇقۇم ئالدىدا، پۈتۈن يەر شارى بويىچە يۆتكىلىشنىڭ «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى. بىر مەيدان پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان تارىخىي خاراكتېرلىك كىرىزىس بارلىق كەسىپ، بارلىق كىشىلەرگە دېگۈدەك تەسىر كۆرسەتتى.

بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرى نېمە ئۈچۈن بۇنداق چوڭقۇر بولدى؟

بۇ يىل يەر شارىۋى ئىقتىساد ئۇچرىغان زەربە ھەم 1929-يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ چوڭ كاساتلىشىشىغا ئوخشىمايدۇ، ھەم 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ يامرىشى ئېلىپ كەلگەن تەسىرگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئەكسىچە، تەمىنات ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە ئېھتىياج تارىيىشتەك قوش زەربىگە دۇچ كەلمەكتە، قىيىنچىلىقنى مىسلىسىز دېيىشكە بولىدۇ. ‐‐ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇشۇنداق تەھلىل قىلىنىپ كۆرسىتىلدى.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ئېھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان قامال قىلىش ھەم ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئايرىۋېتىش تەدبىرى ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ تېز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېھتىياج ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. تەمىنلەش جەھەتتىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى ھەم مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىغا بىۋاسىتە زەربە پەيدا قىلدى، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى «زەنجىر ئۈزۈلۈپ قېلىش» كىرىزىسىگە پېتىپ قالدى.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ زەربىسى زادى قانچىلىك ئېغىر؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، يەر شارىۋى ئىقتىسادىي ھاسىلاتتىكى جەمئىي زىيان 8 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن تۆت يىلدىكى بارلىق ئېشىشنى ئاساسەن يوققا چىقىرىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئېلان قىلغان «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»دا 2020-يىلى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ %4.4 تارىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

يەر شارىۋى سودا ۋە سېلىنما زور دەرىجىدە تارايدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلى يەر شارىۋى مال سودا مىقدارى %9.2 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 2008-يىلىدىكى يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىنكى تۆۋەنلەش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى ئېلان قىلغان «يەر شارىۋى سېلىنما يۈزلىنىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا پۈتۈن يەر شارى بويىچە چەت ئەل بىۋاسىتە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 تۆۋەنلەپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان...

2020-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى %4.3 چېكىنىدىكەن، ياۋرو رايونى ئىقتىسادى %8.3 چېكىنىدىكەن، ھىندىستان ئىقتىسادى %10.3 چېكىنىدىكەن... IMF بىر قاتار ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قارىغاي سوغۇقتا سىنىلىدۇ، مەرد مەيداندا سىنىلىدۇ. ئىنتايىن سوغۇق ھاۋادا، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەستە قولغا كېلىدىغان ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۇنيا بانكىسى ئەڭ يېڭى بىر سان جۇڭگو ئىقتىسادىي قىسقا خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو «مۆلچەردىكىدىن تېز» سۈرئەتتە قايتا جانلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ %2 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، دېدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشىدىكەن. بۇ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيادىكى سالمىقىنىڭ ئازايماستىن، ئەكسىچە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ!

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، 1998-يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن 2003-يىلىدىكى «سارس»قا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگىچە، يەنە 2008-يىلىدىكى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، 1997-يىلى دۇچ كەلگەن ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ھۇجۇمىغىچە، يەنە يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگىچە... مەيلى تەبىئىي ئاپەت بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي كىرىزىس بولسۇن، ھەر قېتىملىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ تاۋلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادى قانچە جاپالىق بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتتا تېخىمۇ چىدامچانلىققا ئىگە بولدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو پائال تۈردە پۈتۈن يەر شارىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، پەقەت ماسكىلا 200 مىلياردتىن ئېشىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا 30دىن توغرا كەلدى؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى؛ جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللىدى...

«جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەر شارىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى» دېدى جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭ.

3000 چاقىرىم سۇ ئۈزۈش ھېچ گەپ ئەمەس ‐‐

ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى نامايان قىلدى

12-ئاينىڭ 21-كۈنى، قىشلىق كۈن توختاش كۈنى.

بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا، قەھرىتان سوغۇقتا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاستا-ئاستا ئايروپىلان توختىتىش ئورنىدىن چىقىپ، ئۇچۇش يولىغا سىيرىلىپ كىرىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلدى...

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىدا، «بوشلۇقتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياتسىيە ئىزى» خەرىتىسىدىمۇ بىر «يارقىن نۇقتا» كۆپەيدى.

ئېغىر، جاپالىق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدىكى ئەڭ كۈچىگەن ۋاقىتنى ئەسلىگەندە، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئەڭ «قاراڭغۇ» بىر كۈنگە دۇچ كەلدى: پۈتۈن كۈندە، پەقەت 3734لا «يارقىن نۇقتا» بار بولدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە، شۇ كۈنى جەمئىي كۆرۈلگەن «يارقىن نۇقتا» 15 مىڭ 144كە يەتتى، بۇ، 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كەلدى.

ئاۋىياتسىيە ئىزى خەرىتىسىدىكى «يارقىن نۇقتىلارنىڭ بولۇش-بولماسلىقى» جۇڭگونىڭ «ئالدىراش-ئالدىراش ئەمەسلىكى»نى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سانسىزلىغان كىچىك ئىزلاردىكى ئۆزگىرىشلەر جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى چوڭ لوگىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى نامايان قىلىدىغان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ‐‐

يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان ئىككى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە: قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولىدۇ؟

بۇ ئىمتىھان سوئالى ھەقىقەتەن تەس. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغاندىن كېيىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر كۈن ئارتۇق كېچىكتۈرۈلسىلا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كېمىيىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 150 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ! بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.

قىيىنچىلىقتىن قىلچە قورقماي، قىلچە ئىككىلەنمەي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشلىنىشتىلا «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ»، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى جۇلالاندۇردى.

ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش... ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياردەم بەردى، بۇ بىر مەيدان ھەيۋەتلىك، مىسلىسىز جاپالىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، يۇقىرىسى 100 ياشلىق ياشانغان كىشىدىن تۆۋىنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققىچە، ھەربىر ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى قەدىرلەندى.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق ماياكى» دەپ ھېسابلايدىغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خەلق ئاممىسىنى قوغداش جەھەتتە كەينى-كەينىدىن ئارقىدا قالدى، ھەتتا «پۇل، ھوقۇق بولسىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرتەلەمدۇ؟» دېگەن مەسىلە ئالدىدا، يۈزەكى ھالدىلا «بۇ دەل كىشىلىك ھايات بولۇشى مۇمكىن» دەيدىغان جاۋابنى ئويدۇرۇپ چىقاردى.

«ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشتا ئالدى بىلەن ئادەمنى قۇتقۇزۇش كېرەك» ‐‐ ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى يېڭى ئىقتىساد تەپەككۇرى تەتقىقات ئورنى يېقىندا مۇشۇ تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا نېمە ئۈچۈن ئۇدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى مۇشۇنداق تەھلىل قىلدى.

بۇ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى نامايان قىلىدىغان جۇڭگو ھەرىكىتى ‐‐

«مەندە ماسكا تىكىدىغان رەخت بار، كىمدە ماسكا تىكىش ماشىنىسى بار؟» ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، يۇقۇم ئېغىرلاشقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە كۈنىگە 8 مىليون دانە ئىشلەپچىقىرىشتىن كۈنىگە 100 مىليون دانىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆستۈرۈلدى، بىر قاتار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قايتا جانلىنىشنىڭ «بىرىنچى بۆلىكى»ىنى باشلىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشتىن ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى سىياسەت جەھەتتە «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر» بىلەن تەمىنلەشتىن ئاشخانا، كىنوخانىلارنىڭ تەدرىجىي ئادەم بىلەن تولۇشىغىچە... دۆلىتىمىز تەرتىپلىك قايتا جانلىنىش، سىجىل قايتا جانلىنىش، يېشىل قايتا جانلىنىش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

ئېغىر، زور سىناقلار ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، قەتئىي ھەرىكەت ئىقتىدارى بىلەن خەلقنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

1 تىرىليون يۈەنلىك مالىيە قىزىل رەقىمى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، 1 تىرىليون يۈەنلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىلدى، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن پايدىنى مۇۋاپىق ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇندى... جۇڭگونىڭ بىر قاتار خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

بەزى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مىقدارلاشتۇرۇش، كەڭ قويۇۋېتىش، ھەتتا «يۇقىرى چەك بولمىغان» مىقدارلاشتۇرۇش، كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى بولغان «باستۇرۇپ سۇغىرىش»ىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى تەكىتلەپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمىنى ياخشى ئىگىلىدى؛ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىدى.

«بىز ئىشنى ئاشۇرۇۋەتمەيمىز، لېكىن بۇ بىزنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىقىمىزدىن ياكى سۆرەلمىلىك قىلىش، ئاز قىلىشىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.» جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىش، مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، مەبلەغ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈلدى، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈلدى، نۇرغۇن ئىجادىي ھەم يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ〈V〉شەكلىدە قايتا ئۆرلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، تەلىيى كېلىپ قېلىشمۇ ئەمەس، ئۇنىڭغا بارلىق جۇڭگو خەلقى، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلىرى مۇجەسسەملەنگەن.» جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان بوستون مەسلىھەتچىلىكىنىڭ يەر شارىۋى رەئىسى خانس پائۇل بوركنېر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ۋەزىيەتكە قارشى يۈكسىلىشى»گە مۇشۇنداق باھا بەردى.

بۇ، ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغان جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقى ‐‐

899 مىليارد 380 مىليون يۈەن ‐‐ بۇ، ئالدىنقى 11 ئايدا، دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغنىڭ سانلىق مەلۇماتى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، %6.3 ئېشىپ، ئۇدا سەككىز ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

29 تىرىليون 40 مىليارد يۈەن ‐‐ بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلەشكەن.

تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودا بىر ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن-ئېچىۋېتىلمىگەنلىكىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، بەزى دۆلەتلەر قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىككە مەستخۇش بولغان بولسىمۇ، جۇڭگو ئوچۇق كۆڭلى-كۆكسى بىلەن دۇنيانى قۇچاقلىدى. تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودىدا «قوش مول ھوسۇل» ئېلىشتەك نەتىجە دەل كۈچلۈك چۈشەندۈرۈشتۇر.

يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى كېلىشىلگەن بويىچە تولۇق ئۆتكۈزۈلدى، ئۈچ چوڭ خەلقئارا كۆرگەزمە-يىغىن كەينى-كەينىدىن ئېچىلىپ، تاشقى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كۆۋرۈكى سېلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ئىنتىلىش سىگنالى تارقىتىلدى.

جەمئىي 138 دۆلەت، 31 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن 201 پارچە ئىمزالاندى، ئەركىن سودا سىناق رايونى داۋاملىق كېڭەيدى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى بارغانسېرى قىسقاردى... قارشى شامال، قارشى ئېقىم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتتى.

بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ‐‐

ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرۇش كەلگۈسى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى

«جۇڭگو يەنە بىر قېتىم قىلالىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا كىرىزىسىدىن قۇتۇلدى، شۇنداقلا، يەر شارىۋى ئىقتىسادتىكى رولىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۈچەيدى».

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «جۇڭگو يەنە بىر قېتىم يەر شارىۋى كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى» دېگەن تېمىدىكى ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇشۇنداق دېيىلدى.

تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئارقىسىدىكى مەخپىي نومۇر قەيەردە؟

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكى» ‐‐ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونى كۆزىتىش ماقالىلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مۇشۇنداق تەھلىللەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

مۇشۇ 12-ئايدا، ئارىلىقى يېرىم ئاي پەرقلىنىدىغان ئىككى چوڭ ئىش ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېنىق ئېسىدە ‐‐

«سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدۇق، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق تۈگىتىلىپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.» 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

«بۇ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت»، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

قارىماققا باغلىنىشلىقى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر ئورتاق نۇقتا بار ‐‐

بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق.

«بۇ تۈزۈم ئىگە بولغان ئىستراتېگىيە خاراكتېرى، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى، ئالدىن كۆرەرلىك خاراكتېرى ۋە پۈتۈن مەملىكەت بايلىقىنى قوزغاش ئىقتىدارىنى باشقا تۈزۈملەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى ئەنگلىيە كامبىرج داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتىن ياك.

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيىتىدە، بىز كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق:

‐‐ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى؛

‐‐ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش توغرا تاللاشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى؛

‐‐ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛

‐‐ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجادىي تاقابىل تۇرۇش كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى؛

‐‐ پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى.

«بۇ〈بەش تۈپ〉ھەم قانۇنىيەت، ھەم تەجرىبە، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى تۈپ مىزانىمىز.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان يولداشلار مۇزاكىرە داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلىنىشى.

«بەش تۈپ» ئىچىدە، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى» دېگەن بۇ مەزمۇن، ھەم بىرتۇتاش يېتەكچى، ھەم ئاچقۇچ.

مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ: «14-بەش يىل» پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى دەرھال ئېچىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى!

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، بىزنىڭ خىرىس، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىشەنچىمىز ۋە ئەمەلىي كۈچىمىز بار، شۇنداقلا بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە ئىشلەيدىغان چىدامچانلىقىمىز ۋە غەيرىتىمىز بار ‐‐

1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار غايەت زور بازار، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى بار ئىستېمال بازىرى... دۆلەت بايرىمى «ئالتۇن ھەپتىلىكى»دىن «قوش 11» سېتىۋېلىش پەسلىگىچە، جۇڭگو ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىستېمال كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيادا ئالقىشلاندى.

دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇشنى تېخىمۇ تەكىتلەش...

مەسىلە ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسەت يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كېلەر يىللىق باشلاش، قەدەم ئېلىش كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا «تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىش»قا كاپالەتلىك قىلىندى.

تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ھەم تارىخنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

يەنە بىرنەچچە كۈن ئۆتسە، 2021-يىلى يېتىپ كېلىدۇ، كونا يىل بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئالمىشىش پەيتىدە، بىز يەنە كىشىلەرنى روھلاندۇرىدىغان بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى كۈتۈۋالدۇق ‐‐

چاڭئې 5-نومۇر ئاي شارى ئەۋرىشكە نۇسخىسىنى ئېلىپ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چاڭجېڭ 8-نومۇر «يىجيەن ۋۇشىڭ» يەنە بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى؛ بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەر ئارا تۆمۈريولىدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ، قۇرۇلۇۋاتقان شيۇڭئەن يېڭى رايونى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ ...

يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، جۇڭگو تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈزلىنىپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)