باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2021-01-01 10:39:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ سائەت 7دە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىدۇ. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئاخبارات قانىلى، جۇڭگو تىلى خەلقئارا قانىلى، K4 قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى چەت ئەل تىلى قاناللىرى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ھەمدە خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى قارىمىقىدىكى تور بېكەتلىرى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا دەل ۋاقتىدا تارقىتىلىدۇ.