باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-10 23:01:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى ھەم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كۈرەش نىشانى بېكىتىلدى، بۇ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتىمۇ كۈچىيىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىل، شۇنداقلا ۋىيېتنامنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلىغان يىل، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي يېتەكچىلىكى ۋە قويۇق ئالاقىسىنى ياخشى ساقلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش-سەھىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، قورۇقچىلىق ۋە يەككە تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ تېزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى ھەم دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ياخشى باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشىغا قارشى تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

رۇەن فۇجۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىغا ياخشى تىلەك تىلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيىدا ۋىيېتنامنىڭ كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى، ۋەزىپىسى ھەمدە 2030-يىلى ۋە 2045-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات مەنزىلى بېكىتىلدى. جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئەزەلدىن ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنقى يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى، ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ئۆزئارا چاغانلىق سالام يوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.