باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-12 00:55:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

جۇڭگو بىلەن نىگېرىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نىگېرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-نىگېرىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بۇخارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

بۇخارى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. نىگېرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، نىگېرىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى. يەر شارىۋى خاراكتېرلىك ئېغىر، زور خىرىس ئالدىدا، نىگېرىيە-جۇڭگو ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇردى. نىگېرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.