باش بەت>خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئارمىيە-يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-12 08:19:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

«ئانار بۇلۇت» \«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئارمىيە-يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرگە چاغانلىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى! بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ۋە ۋەتىنىمىز چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىنى ساقلاۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى!

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل بولغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىم، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتىكى سادىق قوغدىغۇچى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئۇل تاش، پارتىيە ۋە خەلق پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان پولات سېپىل.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «14-بەش يىل» باشلانغان يىل، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قىسىمنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە قىسىم تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش روھىنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش-ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ ۋەنلۇڭ، 63650-قىسىمنىڭ سىلىڭيۈەنى ساۋ جىنيۈن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ ئەيگو، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ مۇئاۋىن جېڭۋېيسى چيەن چاڭچىڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى شى شېپىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.