باش بەت>خەۋەرلەر

2021-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-12 08:27:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

(2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنچوۋ يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن بىز بۇ يەردە خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا چاغاننى ئورتاق كۈتۈۋالدۇق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىنى تىلەيمەن!

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، ھەم كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان بوران-چاپقۇن، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەم چەكسىز ئىپتىخارلىنىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشلەر بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلىدى، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، كەلكۈن-ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇردى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى، دۇنيادا ئالدى بىلەن يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن غەلىبە خەۋىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى!

ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە! جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە ئىگە! پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ!

يولداشلار، دوستلار!

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، بىز مەغرۇرلىنىپ ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق، بىر ئىزدا توختاپ قالساق قەتئىي بولمايدۇ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئېلىشىشىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

يېڭى بىر يىلدا، بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلىپ 100 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ كەڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر! بىز بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، غايە-ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، باشتىن-ئاخىر جۇشقۇن روھ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرسىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرسىلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسىلا، مۇقەررەر مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ!

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، كالا ئىشچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى. كىشىلەر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشنى كالىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئوخشىتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى كالىنىڭ جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھىغا ئوخشىتىدۇ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداشنى كالىنىڭ چىدامچانلىق روھىغا ئوخشىتىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، چىدامچانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپادىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان غەيرەت، كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن، ئاڭلىق ھالدا قەلبكە ئىرادىنى پۈكۈپ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك!

ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى)