باش بەت>خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى، مىسىر زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-24 11:19:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى، مىسىر زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 29 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلاشتى ۋە ھەمكارلاشتى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ، قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەم ئۆز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

جاپاروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەم قىرغىزىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى سەمىمىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستان تەرەپنىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلە، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە، تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلە قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، تۆمۈريول قاتارلىق چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا «داۋۇس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىدا كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس، كۆز قاراشلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئالاھىدە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى. شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو-ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ نەمۇنىسى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر مىسىرنى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پۈتۈن ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، مىسىرنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، مىسىر خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن مىسىر بىر-بىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، چىن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، قانۇن ئىجرا قىلىش خەۋپسىزلىكى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن مىسىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سېسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. سېسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مىسىر بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، دوستانە بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلە، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە، تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلە قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مىسىر تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، مىسىر-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.