باش بەت>خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارلىرىغا نام بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-25 13:14:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

شىنجاڭدىن ئۈچ كوللېكتىپ، ئىككى شەخس تىزىملىككە كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارلىرىغا نام بېرىپ، «يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ دائىملىشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىم نام بېرىلگەن 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50تىن بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى سەپلەرنى قاپلىغان، ئۇلار كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار نەمۇنىچىلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ دەۋرگە تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارلىرىغا نام بېرىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت» \«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نام بەرگەن 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50تىن بولۇپ، شىنجاڭدىن ئۈچ كوللېكتىپ، ئىككى شەخس تىزىملىككە كىردى.

شىنجاڭدىن 6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى بولۇپ تاللانغان ئورۇنلار: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈيتۈن شەھىرى ئىتتىپاق كوچا باشقارمىسى فېڭخۇالى مەھەللىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى، بۇ پونكىت ياشلار «ئىجادكارلار ئائىلىسى» قاتارلىق 12 كەسپىي ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، 38 يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى ھەر خىل كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئون مىنۇتتا خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى» قۇرۇپ، ئاھالىلەر ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتناش پىروگراممىسى مەركىزى، بۇ مەركەز 949 «لېي فېڭچە ئۈلگىلىك بەن» قۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ توشۇش قاتارلىق پاراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ قان تەقدىم قىلىش ئىتتىپاقىغا 3000دىن ئارتۇق پىدائىي قوشۇلۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 830دىن ئارتۇق ئاغرىققا ياردەم بەردى؛ بىڭتۇەن 4-شىسى 66-تۇەنىدىكى «كۈمۈش چاچلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى خىزمەت ئىشخانىسى» بىر تۈركۈم خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، رولىنى داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان پارتىيەلىك پىدائىيلار، دەم ئېلىشقا-پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى بىر جايغا جەم قىلدى، ئۇلار تۇەن-مەيداندىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى يېتەكچىسى بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈش تارىخى توغرىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى بەسلىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

شىنجاڭدىن 6-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارى بولۇپ تاللانغانلار: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چېگرا قوغدىغۇچى لاچىن بايەكە، ئۇ قارلىق ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 16 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى قوغدىدى. ئۇ كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ئالىيجاناب روھىي پەزىلىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى؛ بىڭتۇەن 1-شىسىنىڭ ئارال شەھىرى 14-تۇەنى سەيشاڭ مىڭجۇ مەھەللىسىدىكى مېھىر-شەپقەت دۇكىنىنىڭ يەككە تىجارەتچىسى ياڭ خۇڭمېي، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت دۇكىنىدا سېتىلىۋاتقان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىردەك بازار باھاسىدىن تۆۋەن، ئۇ يەنە دائىم جۇۋاۋا تۈگۈپ تەۋەلىكتىكى ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا ئاپىرىپ بەردى، يار-يۆلەكسىز ياشىنىپ قالغان قوشنىسى لېي گولياڭنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، تاكى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭغا سەككىز يىل كۆڭۈل قويۇپ قارىدى.