باش بەت>خەۋەرلەر

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-02 10:51:00 مەنبە:شىنقاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەمىز تارىختىن بۇيان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇھىم، زور پەيتتە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىدا، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. تۆتىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. ئالتىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى كېرەك. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك. تۆتىنچى، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.