باش بەت>خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش مەركەز 16-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-02 11:15:00 مەنبە:شىنقاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

«ئانار بۇلۇت»\«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىندا مەركەز 16-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىفاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۈ خەيبىن ۋە مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي، ۋاڭ مىڭشەن، چېن مىڭگو، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

فۇ جىفاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ، سادىق، پاك، ئىشەنچلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇش، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردە ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى مەھكەم زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش كېرەك.

فۇ جىفاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، يۆنىلىشنى ئىگىلەشنى ئاساسلىق ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت قىلىپ، تەكشۈرۈش-تۈزىتىشنى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، جاھىل كېسەللەرنى تۈزەش، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى نەتىجە-ئۈنۈمى قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىياللارنى ئالدۇرۇپ كۆرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاشكارا تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەم سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېت)لىرى بىلەن بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ماسلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز 16-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ۋە شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تۈردە بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.