باش بەت>خەۋەرلەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-05 11:09:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەىەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»گە قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«ئانار بۇلۇت»\«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەممە ئادەم يېشىللىقنى سۆيىدىغان، يېشىللىق بەرپا قىلىدىغان، يېشىللىقنى قوغدايدىغان مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئورمان كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى يېشىللىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئاشۇرما مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش شەكلىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىققا ئائىت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى زورايتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باجنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئون چوڭ كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈش، دائىملىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىدار-قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كارخانىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»گە قاراپ چىقىلدى، «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» «كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.