باش بەت>خەۋەرلەر

چېن چۈەنگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-05 11:27:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنقان ئابدۇرېھىم

چېن چۈەنگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

«ئانار بۇلۇت»\«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتكە كەلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋىلادىمىر نوروۋ ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، تەرەققىيات، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن باراۋەر بەھرىمەن بولدى، بۇ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. بىزنىڭ تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يەرلىك ھەمكارلىق پۇختا ئاساسقا، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، بىر-بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋىلادىمىر نوروۋ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە پائال ئىزدەنگەنلىكى ۋە رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرنەچچە كۈن نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بولۇپمۇ شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، تېررورىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەھدىتى. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە قىلغان پائال ئىزدىنىشى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى.

ۋىلادىمىر نوروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» «دىنىي كەمسىتىش» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس، «ئىرقىي يوقىتىش»مۇ مەۋجۇت ئەمەس. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش ۋە رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئورتاق بەخت يارىتىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى شۆجۈن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.