باش بەت>خەۋەرلەر

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2021-04-07 10:31:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

چېن چۈەنگو شىنجاڭ مۇھىت قوغداش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى

«ئانار بۇلۇت»\«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ مۇھىت قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو  شىنجاڭ مۇھىت قوغداش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا شىنجاڭنىڭ «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ھەرىكەت پىلانى» «تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2021-يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، «ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ 2021-يىلى ‹ئۈرۈمچى − سانجى – شىخەنزە› ‹كۈيتۈن − مايتاغ – شىخو› رايونلار بىرلىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە شەكىللەندۈرۈش نىشان-تەلىپى بويىچە، «14-بەش يىل»دىن ئىبارەت بۇ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش سىياسىتى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى «بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش» ئومۇمىي تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتىكى قاتتىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاخىرقى ئۇچنى تۈزەش، جەرياننى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم قاتارلىق ھەر خىل ئېكولوگىيە مۇھىم ئامىللىرىنى ماس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، بازار سۇبيېكتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، پۈتۈن رايون ۋە يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشكىچە ئۇزارتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۈچەپ تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۆنىلىشى ئېنىق، تەدبىرلىرى ئىلمىي، ئىجراسى كۈچلۈك، رىغبەتلەندۈرۈشى ئۈنۈملۈك، كۆپ مەنبە قاتناشقان، ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان «چوڭ مۇھىت قوغداش ئەندىزىسى»نى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى سۇبيېكتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مۇھىتنى ئورتاق تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق تۈزەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتە بىرلىككە كەلگەن مۇھىت ئىجازىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تۈر ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ گىرەلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشىنى يەنىمۇ سىجىل كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

شىنجاڭ مۇھىت قوغداش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.