باش بەت>ئارامگاھ

‹‹سۈنئىي قۇياش›› توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-31 15:43:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     گېرمانىيە يېقىندا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي قۇياش››قا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. Synlight دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سىستېما 149 دانە نۇر يىغقۇچى لامپىدىن تۈزۈلگەن، 14 مېتىر ئېگىزلىك، 16 مېتىر كەڭلىكتىكى چىراغ تېمى بولۇپ، فوكۇس نۇقتىسىنىڭ يورۇقلۇق كۈچىنىشى قۇياش نۇرىنىڭ 10 مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

     تەتقىقاتچىلار بۇ يېڭى تېخنىكا پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن سۇنى پارچىلاپ ھىدروگېن ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ‹‹سۈنئىي قۇياش›› ئىچىدىكى نۇر يىغقۇچى لامپىلارغا قىسقا يايلىق كسېنون لامپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بارلىق چىراغلار ياندۇرۇلۇپ نۇرى يىغىلغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا دەرھال 3000قا يېتىدىكەن. ئەگەر بۇ سۈنئىي ھىدروگېن ياساش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلسە، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدىكەن.

كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى