باش بەت>ئارامگاھ

يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-31 16:02:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     مېتېئورولوگلارنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى 100 يىلغىچە يەر شارى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1.5تىن 6 قىچە ئۆرلەپ، دېڭىز يۈزى .2 154 سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ، قۇملۇقلار تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، كىلىمات تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى، ئېلنىنو ھادىسىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

     1. فىزىكا ئالىمى ئېدۋارد تېللېر ھايات چېغىدا ھاۋاغا ئاليومىن ۋە گۈڭگۈرت پاراشوكى چېچىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئۇنىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھاۋاغا 1 مىليون توننا ئاليومىن ۋە گۈڭگۈرت پاراشوكى چېچىش ئارقىلىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى %1 ئازايتقىلى، شۇ ئارقىلىق يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئېدۋارد تېللېر بۇنى كەڭ كۆلەملىك يانار تاغ پارتلىشىغا تەقلىد قىلغان، 1991 – يىلى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ كەتكەن پىناتۇبو يانار تېغى كۈللىرى يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 0.4 تۆۋەنلەتكەن، داۋاملىشىش ۋاقتى بىرنەچچە ھەپتىگە سوزۇلغان. ئېدۋارد تېللېرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىچە، 13 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋاغا ‹‹يانار تاغ كۈلى›› نى چېچىش كېرەك ئىكەن. ئەمما بىيولوگلار بۇ تەشەببۇسقا قوشۇلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھاۋاغا چېچىلغان بۇ ئاليومىن ۋە گۈڭگۈرت پاراشوكى دانچىلىرى ستراتوسفېرا (تەڭ تېمپېراتۇرىلىق قاتلام) غا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئېدۋارد تېللېر يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەر شارى ئوربىتىسىغا 50 مىڭ پارچە قايتۇرۇش ئەينىكى قويۇش ھەم يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىسىدا مۇقىم تۇرىدىغان غايەت زور سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قىسمەن قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا چۈشۈشىنى توسۇپ، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەتقىق قىلغان.

    2. ئېدۋارد تېللېردىن باشقا ئالىملارمۇ يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى لوۋېلل ۋوئود يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى يېيىشىپ كېتىدىغان تەڭپۇڭ جايى (يەنى لاگرانژې نۇقتىسى)غا دىيامېتىرى 2000 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىم سۈزۈك ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاجايىپ غەلىتە پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ نۇر سۈزگۈچى غايەت زور ئەينەك پارنىك ئېففېكتىنى ئاجىزلىتىپلا قالماستىن يەنە يەر شارىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسى بولالايدىكەن، بۇ ئەينەكنىڭ يانتۇلۇقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىشقا بولىدىكەن. ئەمما بۇ ئەينەك ستراتوسفېرانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماستىن يەنە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئۆتۈشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدىكەن (ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تازىلاش رولى بولىدۇ).

    3. بەزى ئالىملار يەر شارىنىڭ قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ نۇر قايتۇرۇشچانلىق نۇقتىسىدىن يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا ئىزدەنگەن. ئاق رەڭلىك پولى ستىرېندىن ياسالغان نەچچە مىليارد دانە گولف توپنى دېڭىز – ئوكيانلارغا قويۇپ بېرىش ھەم يەر شارىدىكى بارلىق ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئاق رەڭدە سىرلاش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ قۇياش رادىياتسىيەسىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئامېرىكىدىكى بىر ئالىم نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۇلۇتنى ‹‹بوياپ ئاقارتىش›› لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدا بۇلۇتقا بەزى مىكرو دانچىلارنى پۈركۈپ كىرگۈزگەندە ئۇششاق يامغۇر تامچىلىرىنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ %10 ئاشىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا ئوپتىكىلىق تەسىر تۈپەيلىدىن بۇلۇت ئاق رەڭگە ئۆزگىرىپ تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدىكەن.

   4. يەنە بەزى ئالىملار كاربون () ئوكسىدىنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ كاربون () ئوكسىدىنى دېڭىز – ئوكيان ۋە يەر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋېتىشنى تەتقىق قىلماقتا. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، دېڭىز – ئوكيانلار ۋە يەر قاتلاملىرى ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان پەيدا قىلغان كاربون () ئوكسىدلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. ئەمما كاربون () ئوكسىدى دېڭىز سۈيىدە ئېرىگەندىن كېيىن دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى كاربون () ئوكسىدى دېڭىز سۈيىدە ئېرىگەندىن كېيىن دېڭىز سۈيىنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى