باش بەت>ئارامگاھ

كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئون دۆلەت

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 11:45:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

يېقىندا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى جەدۋىلىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا بويىچە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئون دۆلەتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئۇلار: شىۋېيتسارىيە (كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 82.8 ياش)، ئىتالىيە (82.7 ياش)، ياپونىيە (82.7 ياش)، ئىسلاندىيە (82.4 ياش)، ئىسپانىيە (82.4 ياش)، فىرانسىيە (82.2 ياش)، ئاۋسترالىيە (82.0 ياش)، شىۋېتسىيە (81.9 ياش)، ئىسرائىلىيە (81.8 ياش) ۋە نورۋېگىيە (81.4 ياش).

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزۇنراق بولغان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى دائىم دېگۈدەك ياخشى تۇرىدىكەن. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئىچىدە ئالتە دۆلەتتىكى %75تىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى چىققان. ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزۇنراق بولغان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك، ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك بولىدىكەن. بۇ دۆلەتلەردە راك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ۋە قەنت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

(«شىنجاڭ گېزىتى» تورىدىن)