باش بەت>ئارامگاھ

كۈنەس ناھىيەسىدە نارات «قىش مىلودىيەسى» قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-06 17:06:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

«تەڭرىتاغ تورى»خەۋىرى: «قىشتىكى ئۇسسۇل جەزبىسى . قار يۇرتى ناراتقا مۇھەببەت» تېمىسىدىكى جۇڭگو . كۈنەس . نارات 2018-يىللىق 15-نۆۋەتلىك «قىش مىلودىيەسى» قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈنەس ناھىيەسى نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمىدا قار ئۈستى تۈرلىرى، مىڭ كىشىلىك قارلىق دالا ساماۋەر شورپىسى، قار-مۇز گۈلخان مۇزىكا بايرىمى، قارلىق تاغدىكى ساليوت زىياپىتى قاتارلىق يېڭى، ئۆزگىچە پائالىيەت تۈرلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 6500 دىن ئارتۇق ساياھەتچى پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، مەزمۇنى سەرخىل ۋە مول بولدى. ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن سىرت، ھەر تۈرلۈك مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قار-مۇز باش تېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، ئىلى دىيارىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش شەكلى پائالىيەتكە سىڭىشىپ كەتتى. بۇ كۆڭۈللۈك بايرامدا قارلىق دالىدا موتوسىكلىت ھەيدەش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، قىشلىق سوقۇم مەدەنىيىتى ۋە مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، مىڭ كىشىلىك ساماۋەر شورپىسى، قار-مۇز گۈلخان مۇزىكا كېچىلىكى، قارلىق تاغ ساليوت زىياپىتى، نارات قىشلىق سۈرەتلەر بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت ھالقىلىرى تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلدى، «ھېس قىلىش» ۋە «ئۆزئارا ھەرىكەتكە كېلىش» پۈتۈن پائالىيەت جەريانىغا سىڭىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قار ۋە قىش پەسلىگە بولغان تونۇشىنى كېڭەيتتى.

(چىن جې فوتوسى)