باش بەت>ئارامگاھ

ﺳﯘ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-28 11:43:00 مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ «ﺷﻪﮬﻪﺭ ﮔﯧﺰىتى» ﻧﯩﯔ 24-ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪىكى ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﯩﻨﻨﯧﺴﻮﺗﺎ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﻪﻳﯟﯨﻲ ﺋﻪﻧﮕﯩﺮﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﺵ، ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ، ﻳﻮﻳﯘﻧﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﺎقلىنىشى ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﭼﯜنكى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ، ﺗﻪﺭﻟﯩﺴﻪ، ﻳﯘﻳﯘﻧﺴﺎ ﺗﯧﺮىسى ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ، ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 50ى ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﮕﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﯞىقىنى ﻳﯘﻳﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘقى ﯞﻩ ﺳﯘنى ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﻪتىجىسى ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﻪﻳﯟﯨﻴﻐﺎ ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﺳﯘ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ، ﺳﯘ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﺍ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﻳﯩﻐﻼﺵ، ﺗﻪﺭﻟﻪﺷﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻳﯟﯨﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎنىسى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯىنى ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎتنى ﺗﻪﯕﺸﻪشنى  ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.