باش بەت>بىر بەلبەغ بىر يول

جۇڭگو-بېلگىيە ئەربابلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى ھەمكارلىقنى مۇھاكىمە قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-23 16:45:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


بېلگىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىرى كىرىس فېتېس 21-ئۆكتەبىر بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو-بېلگىيە ھەمكارلىق مۇنبىرىدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، بېلگىيە- جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو-بېلگىيە ھەمكارلىق مۇنبىرى 21-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-بېلگىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە قانداق قىلغاندا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.