باش بەت>بىر بەلبەغ بىر يول

قورغاس پورتىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1000 قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-30 18:34:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، لىققىدە پوچتا يوللانمىلىرى قاچىلانغان «چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا» جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان، بۇ، بۇ يىل مۇشۇ پورتتىن ئۆتۈپ چېگرادىن چىققان 1000-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىكەن. بۇ پورت بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 1000 قېتىملىق ئۆتكەلنى ئون كۈن بۇرۇن بۆسۈپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزغا خەت - چەك، كىتاب، ئاياغ، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئومۇمىي ئېغىرلىقى 270 توننا كېلىدىغان يۈك قاچىلانغان بولۇپ، چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ، 14 كۈندىن كېيىن لىتۋانىڭ ۋايدوتاي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ.

نۆۋەتتە قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن ئاساسلىقى «چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا» «چېڭدۇ-شىنجاڭ-ياۋروپا» «چاڭئەن ناملىق» قاتارلىق 16 لىنىيە بولۇپ، كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك مال، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، گېرمانىيە، پولشا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۈزۈلمەي توشۇلىدۇ. قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزغا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماللار قاچىلىنىپ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەرگە تارقىتىلىدۇ.

«بۇ يىل بىز <چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا> جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق 65 مىڭ توننا مالنى چېگرادىن چىقاردۇق، ئاساسلىقى تۈرلۈك ماللار، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلار. ھازىر تېخىمۇ كۆپ خېرىدار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق يۈك توشۇشنى تاللاۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى تېز تەرەققىيات ۋەزىيىتى بويىچە بولغاندا، بىزنىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتقا ئىشەنچىمىز بار» دېدى قورغاستىكى مەلۇم يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جاڭ شىيۈ.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، دېڭىز تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى ھەمدە تاشيول قاتارلىق تىرانسپورت يوللىرىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئازايدى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۇتىشىدىغان دۆلەت(رايون) كۆپ، توشۇش مىقدارى زور، باھاسى تۆۋەن ھەم مۇقىمچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلىرى بىلەن نۇرغۇن سودىگەرنى جەلپ قىلدى.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 14 قېتىمغا، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 17 قېتىمغا يەتكەن.