باش بەت>شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچىلەر

شېنجېن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار قەشقەر شەھەرلىك پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-20 12:31:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇخبىرىمىز پەن يەنيۈن خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار ئالاھىدە تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالدى، بۇ كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ ۋېيشياڭ، شېنجېن شەھىرىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلار، شېنجېن-قەشقەر ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتىنىڭ مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەر، قەشقەر «يېڭى يىپەك يولى» مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەر قاتارلىقلار قەشقەر شەھەرلىك پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا مەكتەپ فورمىسى، سومكا قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى ھەمدە بىرگە بىر قوشماقلىشىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پائالىيەتكە قاتناشقان مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگۈچىلەر پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار بىلەن ئويۇن ئوينىدى، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ قويدى، ئۇلار يەنە ياتاق ۋە ئاشخانىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، شېنجېن-قەشقەر ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «قوغدىغۇچى پەرىشتە» بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى قەشقەر شەھىرىدىكى 21 ئورۇندا بالىلارنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلارنىڭ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن ئىبارەت سەھنىدىن پايدىلىنىپ، «قوغدىغۇچى پەرىشتە، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان شېنجېن» تېمىسىدىكى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەمراھ بولۇش، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىدىيە، ھەرىكەت جەھەتتە بالىلارنى يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان.