باش بەت>تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ياشانغاندا كېيىنكى ئۆمرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 13:06:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

تۇرغۇن تالىپ

ياشانغانلار پىشىپ-يېتىلگەن توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن يەكۈنلەپ، كېيىنكى ئۆمرىنى، پېنسىيە تۇرمۇشىنى ئارام-خۇدا، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ھەقلىق. ياشانغانلارنىڭ ھايات يەكۈنى  «مەن تىرىشتىم، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمنى قىلدىم، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم، ئەمدى كېيىنكى ساناقلىق كۈنلىرىمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىشىم كېرەك» دېگەن يەرگە كەلگەندىلا، ئاندىن كېيىنكى ئۆمرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ئىدىيەۋى ئاساس سالالايدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىلسە بەلكىم ئاز-تولا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

1.ياشنىڭ چوڭلىقىنى يۈك قىلىۋالماسلىق كېرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشى، قېرىلىق دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۇ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت. ئىنسانلا ئەمەس، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەرمۇ قېرىيدۇ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. «قېرىماسلىق دورىسى» ئىزدەپ قىلمىغان چارىسى قالمىغان خان-خاقانلار، كاتتا ھۆكۈمرانلارمۇ بۇ قانۇنىيەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان ئەمەس. «يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ۋاقتىممۇ ئاز قالدى»... دېگەندەك ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان ئوي-خىياللار ئادەمنىڭ پىسخىك يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، قەددىنى تېخىمۇ مۈكچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ياشنىڭ چوڭلىقىغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ، بىر ئۆمۈر توپلىغان ھاياتلىق يەكۈنلىرى ۋە ياشاش تەجرىبىلىرىنى ئىجابىي تەرەپلەرگە سەرپ قىلىپ، بىر كۈنلۈك ئۆمۈر بولىدىكەن، شۇ بىر كۈننى خۇشال-خۇرام، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، تۇرمۇشنى لەززەتلىك قىلىش لازىم. چۈنكى، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر غەنىمەت، تەڭتۇشلارنىڭ بىر مۇنچىسىنىڭ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانلىقى شۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

2.ئۇششاق-چۈششەك كېسەللىكلەردىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك. ئادەم ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن قۇۋۋىتى بارا-بارا ئاجىزلاپ، ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، پەقەتلا كېسىلى يوق ئادەمنى تېپىش قىيىن. بۈگۈن ساق بولسا ئەتە-ئۆگۈن ئاغرىق-سىيلاقنىڭ بولۇپ تۇرۇش ئادەتتىكى ئىش. ئۇششاق-چۈششەك كېسەللىكلەردىن زىيادە ئەنسىرەپ ھودۇقۇپ كېتىشنىڭ ئۆزى كىچىك كېسەلنى چوڭايتقان بىلەن باراۋەر، كېسەل بولۇپ قالغاندا ئالاقىزادە بولۇپ كەتمەي، شۇڭا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ دىياگنوز ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ياخشى داۋالىنىش كېرەك. داۋالىنىش مەزگىلىدە ئۈمىدۋار بولۇپ، روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئولتۇرسا-قوپسا كېسەلنى يۈك قىلىۋالماي، كەيپىياتنى ئوبدان تەڭشەپ، داۋالاشقا ماسلاشسا كېسەلنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا پايدىسى بار. زېرىكىپ قالغاندا ئۇيان-بۇيان ئارىلاپ باشقىلارنىڭ شۇنچە ئېغىر ئەھۋالدىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى ئاسراشقا قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشمۇ بىر خىل تەسەللىي تېپىش بولىدۇ. ھاياتلىقنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەش كېرەك. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە قانچە ئاھ-زار قىلغان بىلەن بىكار.

3.پەرزەنتلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويۇۋالماسلىق كېرەك. پەرزەنتلەرنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشقىچە تارتقان دەرد-ئەلەملەرگە قارايدىغان بولساق، بالىلارنىڭ كېچە-كۈندۈز دىمەي ئاتا-ئانىلارنى بېقىشى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى، دائىم يوقلاپ ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى  قىل سىغمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەمما «ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، بەزى بالىلار مۇستەقىل تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداق ئەھۋالدا ئۇلاردىن ئارتۇقچە تاما كۈتۈپ، ھە دېسە كۆزىگە كىرىۋېلىپ، «ئۇنى ئەكىلىپ بەرمىدىڭ، بۇنى ئېلىپ بەرمىدىڭ، كىر-قاتلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ بەرمىدىڭ» دەپ، ئوغۇللىرىدىن، قىزلىرىدىن، كېلىنلىرىدىن ئاغرىنىپ، ئالدى-ئارقىسىدا سۆزلەپ، ئۇلاردىن ئاغرىنىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالسا، ياشانغانلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىۋېلىپلا قالماي، بالىلارنى تېخىمۇ قاشاڭ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ياشانغانلار ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزلىرى قىلىپ، يىغىپ ساقلىغان پۇل-بىساتىنى ئۆزىگە سەرپ قىلىپ، ياخشى كۈتۈنۈپ، ئىمكانىيەت بولسا ساياھەت قىلىشى كېرەك. شارائىت بولۇپ زۆرۈر بولسا بىرەر خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ ئۆي ئىشلىرىغا ھەمدەم قىلسا، بۇ غەنىمەت چاغلارنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

4.پېنسىيونېرلار مائاش تەمىناتىغا كەڭ قورساق پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم. بىر قىسىم دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەملەر «مېنىڭ خىزمەت ئىستاژىم ئۇزۇن تۇرسا، تەمىناتىم نېمە ئۈچۈن پالانىنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ، ۋەزىپەم يۇقىرى تۇرسا پېنسىيە مائاشىم نېمىشقا تۆۋەن بولىدۇ» دەپ ئاغرىنىدۇ، باشلىقلارنى ئىزدەيدۇ ياكى كىم سالام قىلىپ ئۆتسە دەرد تۆكىدۇ. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، كەچۈرمىشى، خىزمەت شارائىتى تامامەن ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ. تەمىنات جەھەتتە بەزى پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۇنچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئاغرىنغانغا، قىزىغانغانغا، خاپا بولغانغا ئەت قونۇپ قالمايدۇ، پەقەت ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، مائاش تەمىنات مەسىلىسىدە ئۇنچە زىغىرلاپ كەتمەسلىك كېرەك.

5.ياشانغانلار ئۆزىنى كەمسۇندۇرماسلىقى لازىم. بەزىدە ياشانغانلارنىڭ تەن ساقلىقى تازا ياخشى بولماي قالىدۇ، بەزىلىرىنىڭ يېنىدا بالا-چاقلىرى يوق بولغاچقا، غېرىپسىنىپ قالىدۇ، بەزىلەرنىڭ پېنسىيە تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، بەزىلەر ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچراپ بىسەرەمجان بولىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ھەممە ئىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، توققۇزىنىڭ تەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما، ئون نەچچە يىل، نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلىپ، ئامان-ئېسەن پېنسىيەگە چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. بەختنىڭ تارازىسى ھەر كىمنىڭ ئۆز قولىدا، ئۇنى قانداق ئۆلچەش  ھەر بىر كىشىنىڭ قارنى-كۆكسى، بىلىم دائىرىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا باغلىق. ھايات ئىكەنسىز، يەيدىغانغا ئاش-نان، كىيىدىغانغا كىيىم-كېچەك، تۇرىدىغانغا ئۆي-جاي بولسىلا بەخت دېگەن شۇ. قولىدىكى بەختنىڭ قەدرىگە يەتمەي، بارىدىن گۈل كەلتۈرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ياشىماي «بولغىنىم شۇ» دەپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، «باشقىلارغا يېتەلمەيمەن» دەپ چۈشكۈنلىشىش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ سەت، بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغىمۇ سەت.

6.ياشانغانلار پۇشايماندىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەتقىقاتلاردىن بولۇم بولۇشىچە، ياشانغانلار كۆپ پۇشايمان قىلسا، ھورمۇن ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، ئاسانلا باش ئاغرىش، زۇكام ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋېرىش دىۋەڭلىك ۋە ئىچى سىقىلىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئارتۇقچە پۇشايمان يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئىلگىرى چوڭ-چوڭ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويغىنىغا ئاھ ئۇرغاننىڭ ئورنىغا تەجرىبە-ساۋاقلارنى توغرا يەكۈنلەپ، ھازىر ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەققى ئۆتۈپ قالغان بولسا، سەمىمىيلىك بىلەن قايتۇرۇش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولسا، تاختا گەدەنلىك قىلماي، ئەپۇ سوراش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كاللىمىزنى چىرمىۋالغان پۇشايماندىن يىراقلاشقىلى بولىدۇ. ئۆتكەنكى مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى توغرا پوزىتسىيە بىلەن يەكۈنلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەربىيە قىلىش  روھى جەھەتتىكى يۈكنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئەڭ دانا چارىسىدۇر. «ئۆتكەنگە سالاۋات» دېيىش بۈگۈننى غەنىمەت بىلىش، ئەتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلەش ئاقىللىقتۇر.

 

7.ياشانغانلار ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ياشانغانلار دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندا ئىلگىرىكىدەك ئالدىراش ئىشلار، يوقلىما قىلىدىغان تۈزۈملەرمۇ بولمايدۇ. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ ئېچىلىدىغان يىغىنلار، ھەر خىل شەكىلدىكى تەكلىپلىك ئولتۇرۇشلارنىڭمۇ ئايىغى بېسىقىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇقىم پېنسىيە مائاشى، بەلگىلىك تۇرمۇش تەمىناتى بولغاچقا ئارتۇقچە غەم يەپمۇ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئارام ئېلىپ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرگىنى تۈزۈك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارتۇقچە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ كەتمەي، ئەھۋالىغا قاراپ سەيلە-ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، چامىنىڭ يېتىشىچە بەزى جىسمانىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىش روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلققە ۋە جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىقتۇر.