باش بەت>تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا بالدۇر قېرىشىنىڭ سەۋەبى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 13:00:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ تېز قېرىشىنىڭ سەۋەبى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كوللاگېن ئاقسېلىغا تېخىمۇ كۆپ مۇھتاج بولىدىكەن. ئاياللار ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن بالىياتقۇسىنىڭ ئىچكى پەردىسى چۈشۈپ كېتىدىكەن. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى كوللاگېن تالالىرىدىن تۈزۈلگەچكە، ئاياللار بۇ چاغدا كۆپ مىقداردا كوللاگېن ئاقسېلىغا مۇھتاج بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە ئالدۇرغاندىمۇ بالىياتقۇ ئىچكى قىسمى زەخمىلىنىدىكەن.

گۆش تەركىبىدە كوللاگېن ئاقسىلى بولسىمۇ، بۇنى بەدەن بىۋاسىتە قوبۇل قىلالمايدىكەن. گۆش تەركىبىدە ياغ ماددىسى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا سەمىرىپ كېتىدىكەن ھەم قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا گۆشنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق كوللاگېن ئاقسىلى تولۇقلاش ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ئىكەن. ئاياللار ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلەتسە قېرىشنى كېچىكتۈرەلەيدىكەن.