باش بەت>تۇرمۇش ساۋاتلىرى

كۈدە ئارقىلىق پۇت پۇراشنى داۋالاش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 18:58:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  

    كۈدە ئارقىلىق پۇت پۇراشنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، يەنى توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندا، پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە يوقاتقىلى بولىدۇ.

    250-500 گىرامغىچە يېڭى كۈدىنى پاكىز يۇيۇپ 10 مىنۇت قاينىتىمىز. سۇنىڭ يېرىمىنى داسقا قۇيۇپ، تېمپىراتۇرىسى مۇۋاپىق تۆۋەنلىگەندە پۇتنى چىلايمىز. سۇ سوۋۇپ قالغاندا داۋاملىق ئىسسىق سۇ قۇيىمىز.

    مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ھەركۈنى 20 مىنۇت چىلاشنى ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە داۋاملاشتۇرغاندا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەھۋالغا ئاساسەن پۇتنى داۋاملىق چىلاپ بەرگەندە، پۇت پۇراش تەدرىجىي تۈگەيدۇ.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى