باش بەت>تۇرمۇش ساۋاتلىرى

توكسىكلىتتا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلا ۋە ئۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-16 18:55:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


توك قاچىلىغىلى ياكى تولۇق توك قاچىلىغىلى بولماسلىق

سەۋەبى: باتارېيە قۇتىسىنىڭ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك سىمى كۆيگەن؛ ئۇلىغۇچنىڭ زاپچاسلىرى بوشاپ قالغان؛ زەرەتلىگۈچتە كاشىلا كۆرۈلگەن؛ توك مەنبەسىدە توك توختاپ، زەرەتلىگۈچنىڭ چىرىغى يانمىغان؛ باتارېيە كونىراپ، كېرەكتىن چىققان بولۇشى مۇمكىن.

بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: بىخەتەرلىك سىمىنى ئالماشتۇرۇش؛ ئۇلىغۇچنىڭ زاپچاسلىرىنى چىڭىتىش؛ زەرەتلىگۈچنى ئالماشتۇرۇش؛ توك مەنبەسىنى تەكشۈرۈش؛ باتارېيەنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

توك مەنبەسىنى ئاچقاندىن كېيىن پرىبوردا توك مەنبەسىنىڭ سىگنال چىرىغىلا يېنىپ، چوڭ چىراغ، كاناي، يۆنىلىش چىرىغى قاتارلىق باشقا چىراغلار يانماسلىق

سەۋەبى: ئالماشتۇرغۇچ بۇزۇلغان؛ ئالماشتۇرغۇچنىڭ ئۇلىنىدىغان بۆلەكلىرى ياخشى تۇتاشمىغان؛ ئالماشتۇرغۇچنىڭ بىخەتەرلىك سىمى ئۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئالماشتۇرغۇچنى ئالماشتۇرۇۋېتىش؛ ئالماشتۇرغۇچنىڭ ئۇلىنىدىغان بۆلەكلىرىنى چىڭىتىش؛ ئالماشتۇرغۇچنىڭ بىخەتەرلىك سىمىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

بىر قېتىم توك قاچىلىغاندىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى قىسقا بولۇش

سەۋەبى: باتارېيەگە توك تولۇق قاچىلانمىغان؛ چاقنىڭ يېلى بوشاپ قالغان؛ باتارېيە كونىرىغان ياكى بۇزۇلغان؛ ئېگىز-پەس يولدا، بوراندا ماڭغان، كۆپ قېتىم تورمۇزلىغان، يۈكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ توك قاچىلانمىغان ياكى تولۇق قاچىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تولۇق توك قاچىلاش؛  ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يەلنى چىڭ ئۇرۇش؛ باتارېيەنى ئالماشتۇرۇش؛ ئاستا ھەيدەپ، تورمۇزنى ئاز تۇتۇش؛ زەرەتلىگۈچنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

توك مەنبەسىنى ئاچقاندىن كېيىن باشقا قىسىملار نورمال ئىشلەپ، ئېلېكتىر موتور ئىشلىمەسلىك

سەۋەبى: سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ، ئېلېكتىر موتور، تىزگىننى تۇتاشتۇرىدىغان زاپچاس بوشاپ كەتكەن ياكى تېگىشمىگەن؛ قول ياكى پۇت تورمۇز ئەسلىگە قايتمىغان، تورمۇز تۇتۇقلۇق ھالەتتە توكنى ئۈزۈۋەتكەن؛ تىزگىن (控制器) بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: تۇتاشتۇرغۇچى زاپچاسنى تەكشۈرۈش ياكى ئالماشتۇرۇش؛ قول ۋە پۇت تورمۇزنىڭ ئەسلى ئورنىغا قايتقان ـ قايتمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، بۇزۇلغان بولسا ئالماشتۇرۇش؛ تىزگىننى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

توك مەنبەسىنى ئاچسىمۇ پرىبوردا توك بەلگىسى كۆرۈنمەسلىك

سەۋەبى: توك مەنبە ئۈزچاتىلى بۇزۇلغان ياكى ياخشى تۇتاشمىغان؛ باتارېيەنىڭ توك يوللاش سىمى ياخشى ئۇلانمىغان؛ بىخەتەرلىك سىمى ئۈزۈلگەن؛ ئۈزچاتىل ئېچىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: توك مەنبە ئۈزچاتىلىنى ئالماشتۇرۇش ياكى سىملىرىنى چىڭىتىش؛ چات-تەگنىڭ توك يولىنى تەكشۈرۈش ياكى چىڭىتىش؛ بىخەتەرلىك سىمىنى ئالماشتۇرۇش؛ ئۈزچاتىلنى ئېچىش كېرەك.