باش بەت>تۇرمۇش ساۋاتلىرى

توڭلاتقۇدا يېمەكلىك قانچە كۆپ بولسا، توك سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-12 16:45:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر


نۇرغۇن كىشىلەر توڭلاتقۇدا يېمەكلىك قانچە كۆپ بولسا، توك سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداق بولامدۇ؟

كىشىلەر توڭلاتقۇدا يېمەكلىك كۆپ بولسا، توڭلاتقۇ كومپرىسسورىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، ئىچكى سوۋۇتۇش قىسمىنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى راۋان يۈرۈشمەيدۇ، تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا كېتىدىغان توك سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا.

توڭلاتقۇدا يېمەكلىك لىق ۋاقتىدا سەرپ بولغان توك مىقدارى قۇرۇق ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ، يېمەكلىك لىق ۋاقتىدا توڭلاتقۇ كومپرېسسورىنىڭ خىزمەت ۋاقتى كۆپ بولمايدۇ، سوۋۇتۇش بوشلۇقىمۇ كىچىك بولىدۇ، ھەمدە توڭلاتقۇ ئىشىكىنى ئاچقان چاغدا ئۆي ئىچى كونۋېكسىيە نەملىكى ئاز بولۇپ، توك كۆپ ئىسراپ بولمايدۇ.

 ئەكسىچە، توڭلاتقۇ قۇرۇق ياكى يېمەكلىك ئاز بولغان ئەھۋالدا، ئىچكى قىسمىغا كېتەرلىك سوغۇق ھاۋا كۆپىيىپ، داۋاملىق سوغۇق ھاۋا بىلەن تەمىنلەش زۆرۈر بولىدۇ، ماس ھالدا توك سەرپىياتىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.