باش بەت>بەت ئاستى ئۇلىنىشى

بېكەت ھەققىدە

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-21 11:16:00 مەنبە: مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ئىنسانلار ئىنتېرنېت دەۋرىدىن ئىبارەت تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە قوللىنىلىشى ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئەپلىك ئورنىنى ئىگىلىگەندىلا تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئورنى چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت دەپ بېكىتىلگەن «جۇڭگو قەشقەر تورى» ۋۇجۇدقا كەلدى.

قەشقەر -  ۋەتەننىڭ غەربىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت، تارىخىي قاتلىمى چوڭقۇر، مەدەنىيىتى كۆپ خىل، رەڭدار. «بەش چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تەك ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى قەشقەرنى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇن ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى. يېڭى تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەشقەرنىڭ ئىنتېرنېت تورى قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىنتېرنېت تورىنى قەشقەرنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىي ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇشىنى تەقەززا قىلدى.

2014-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى سىتېرېئولۇق تاشقى تەشۋىقات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇرچە تور بېكىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تۈرگە كىرگۈزدى.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ شەرق شامىلىغا ئەگىشىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەرگە كىلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى جېپسىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى پىلانىنىڭ سىرتىدا 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، «جۇڭگو قەشقەر تورى»نىڭ قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس قوللىدى.

كۆپ قېتىم ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ تەرەپ پىلانلاپ دەلىللەش ئارقىلىق، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى «جۇڭگو قەشقەر تورى» قۇرۇلۇشىغا رەسمىي توختام ئىمزالىنىپ، شەندۇڭ «ئاممىباب تورى» تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور بېكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

قۇرۇلۇش جەريانىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن شۇگاڭ كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ رۈنتيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەينى ۋاقىتتىكى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تور بېكىتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى.  شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭدىكى تەشۋىقات، ئىنتېرنېت ئۇچۇرى قاتارلىق تارماقلار زور كۈچ بىلەن قوللىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، تور بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى سەپتىكىلەر بىلەن ئارقا سەپتىكىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە قوللىدى. «ئاممىباب تورى» تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرى نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇردى.

2015-يىلى 12-ئايدا تور بېكەت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىدىكى ئابىدىلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندى.

2016-يىلى 6-ئايدا «جۇڭگو قەشقەر تورى» دۆلەت ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك ئاخبارات تور بېكىتى، دەپ تەستىقلاندى.

«جۇڭگو قەشقەر تورى»غا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولىدىغان، «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى باشقۇرىدىغان بولۇپ، مەۋقەنى قەشقەرگە قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتكۈل شىنجاڭ ۋە ئەتراپتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، ھەتتا پۈتكۈل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا يۈزلەنگەن كۆپ خىل تىلدىكى ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى، ئىچكى جەھەتتە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان، تاشقى جەھەتتە قەشقەرنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم بازا ۋە كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

«جۇڭگو قەشقەر تورى» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەشقەرنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، «ساداقەت، ئىشەنچ، مۇلازىمەت، ئىقتىدار»دىن ئىبارەت تور باشقۇرۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «بىر تور، بىر گېزىت، بىر تېرمىنال، بىر مەركەز»دىن ئىبارەت تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«بىر تور» «جۇڭگو قەشقەر تورى»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قەشقەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنىدۇ؛

«بىر گېزىت» قەشقەر يانفون گېزىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەڭ يانفون ئابونتلىرى تېخىمۇ قولاي، تېز بولغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛

«بىر تېرمىنال» كۆچمە تېرمىنالنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارى، قەشقەر 24 سائەتلىك خەۋەرلەر ئابونتلىرى تېرمىنالى قاتارلىق سەھنىلەر بەرپا قىلىنىپ، كۆچمە ئىنتېرنېت تورى كەسپى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىدۇ؛

«بىر مەركەز» تاراتقۇلار مەركىزىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بېرىكمە تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«يەنىمۇ يىراققا تەلپۈنسەڭ ئەگەر، ئۆرلىگىن ئۇندىنمۇ يۈكسەك پەللىگە». ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنىدا، «جۇڭگو قەشقەر تورى» بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ دولقۇن كېزىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.